تەرەققىيات يۆلىنىشى [باشقىلار...]

  شىركەت  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلار ئىدارىسى، سودا تەرەققىيات پىلان بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى چىقارغان ئۈلگىلىك يېمەكلىك قۇرۇلۇشى قۇرۇش ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ساغلام يېمەكلىك قۇرۇلۇشىنى ئۆزىگە نىشان قىلدى.

  شىركەت 2014-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن  بۇرۇن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلىرى، خىزمەت رايونلىرى، ساياھەت رايونلىرى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق رايونلارغا 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان تاماقخانىدىن 30 نى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  2014-يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سايباغ  رايونىغا 30 مىليون مەبلەغ سېلىپ ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن، باشقۇرۇش مۇكەممەللەشكەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن  ئالىي تاماقخانا قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  شىركەت يەنە 15 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ سايباغ رايونىغا ھەرەمباغ تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى ۋە مەركىزى ئاشخانا قۇرۇپ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشكەن مۇكەممەل ھۈنەر بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

   2014-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو مېھمانخانا دەرىجىسىنى بېكىتىش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئاز بولمىغان موئەييەنلەشتۈرۈرۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانى: سۈپەت ۋە مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ ، كەڭ ئىستېمالچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ زور دەرىجىدىكى ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، شىركەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى ۋە سودا ئەمىلى كۈچىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

   2014-يىلى ئۈرۈمچى جەنۇبى تاغ ساياھەت رايونىغا  يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ بىر گەۋدىلەشكەن 150مو كۆلەمدىكى مېھمانخانا  قۇرۇش پىلانلاندى .

   شىركەت يەنە كەلگۈسىدىكى بىرنەچچە يىلدا تۇرپان ، ئىلى، كورلا قاتارلىق ساياھەتچىلىك بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلاردا يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ بىر گەۋدىلەشكەن ئالىي تىجارەت ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.

  شىركەت دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ھەرخىل ئاكتىپ قوللاش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، سودا تورىنى تېخىمۇ كەڭ يېيىپ، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، قاتارلىق رايونلاردا تىجارەت بەلۋېغى بەرپا قىلىش، تىجارەتنى پۈتۈن مەملىكەتكە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى پىلانلىدى.

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز