شىركەتنىڭ چۈشەندۈرلىشى [باشقىلار...]

      دۇنيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ جەۋھىرى — ھەرەمباغدا!!!

  ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى مىللىي مەدەنىيەت، يېمەك–ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆي-مۈلۈك، سەھىيە بىر گەۋدىلەشكەن، مۇستەقىل قانۇنى سالاھىيەتكە ئىگە پاي چەكلىك شىركىتى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك ساھەسىدىكى باشلامچى ئاۋانگارت كارخانىلارنىڭ بىرى. ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي 1999-يىلى قورۇلغان بولۇپ، ھازىر  تېزىمغا ئالدۇرغان  مەبلىغى 150مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ قارمىقىدا 27تارماق دۇكان، 3ئىمپورت ماللار تاللا بازىرى، ھەرەمباغ مەركىزى ئاشخانىسى، ھەرەمباغ تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى، بەگزات ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى، خوتەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئېدىن ئۆي–مۈلۈك شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ئۆتۈكەن كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى  قاتارلىقلار بار.

  شىركەت  پىلان–لايىھە ئىشخانىسى، مالىيە بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، سېتىش  پىلان بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، تىجارەت تىرانسپورت بۆلۈمى، تېخنىكا بۆلۈمى، مۇقىم مۈلۈك تۈر بۆلۈمى، ئارقا سەپ ئامانلىق بۆلۈمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

  شىركەتتە 2500  دىن ئارتۇق  ئىشچى–خىزمەتچى  بار بولۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ سانلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،  يېمەك–ئىچمەك مۇتەخەسىسلىرى، پروفېسسور، ماگىستىر ئاسپىرانت، تولۇق كۇرس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. شىركەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنولوگىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى بىلەن 10يىللىق تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى تۈزدى.

  شىركەت مول تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچىلار، تېخنىكلار ۋە نازارەتچىلەردىن ئىبارەت مۇكەممەل كۆپ قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

   شىركەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىش ۋە سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بولغان تىجارەت ئەندىزىسى يارىتىپ، تىجارەتتە «ئەنئەنىۋىلىكنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرىكتۈرۈش، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى   كەسىپلەشتۈرۈش، تارماق تىجارەت نۇقتىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىغا ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش»  نى ئۆزىگە نىشان قىلىپ، يېمەك–ئىچمەك تۈرلىرىنى كۆپەيتتى. مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساماۋەر شورپىخانا، مىللىيچە تاماقخانا، غەربچە تاماقخانا، زامانىۋى چايخانا، ئېسىل قەھۋە خانىلارنى ئېچىپ ۋە كېڭەيتىپ رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنداقلا  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ھەرەمباغ يېمەك–ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن  ھەر يىلى ئاز دېگەندە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى كۈتۈۋالىدۇ. شىركەت سەمىمىي تىجارەت ئەخلاقى، ئەلا مۇلازىمىتى، ئازادە مۇھىتى، ئۆزىگە خاس تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئابرۇي ۋە ئورۇن تىكلىدى. شىركەت مۇدىرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ  توغرا رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قائىدە–تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ساغلام، ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، مۇكەممەل مالىيە باشقۇرۇش تورىنى شەكىللەندۈردى.

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز