شىركەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى
شىركەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى [باشقىلار...]

  زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە شىنجاڭ پولات–تۆمۈر زاۋۇتىدا ئىتتىپاق خىزمىتى  بىلەن شۇغۇللانغان.  خىزمەت جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، تىرىشچانلىقى بىلەن زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. زۇلپىقار ئەبەيدۇللانىڭ قابىلىيەت ۋە پەزىلىتىگە قايىل بولغان زاۋۇت رەھبەرلىرى ئۇنى پارتىيە ئەزالىقىغا تەۋسىيە قىلىدۇ ھەم 1996–يىلى 7-ئايدا پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنىڭ نەتىجىسىدە 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ سەككىزىنچى ئاۋغۇست پولات تۆمۈر زاۋۇتىدا دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. زۇلپىقار ئەبەيدۇللا بۇ ئورۇنغا چىقىپلا قانائەتلىنىپ قالماستىن تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ بوشاشتۇرماي بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن چەتئەل تىلى ئۆگىنىدۇ  ھەم  تىرىشچانلىقىغا يارىشا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى كۆڭۈلگە پۈكىدۇ. بۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە  تېخىمۇ تىرىشىپ، چەتكە چىقىش ئۈچۈن مۇئەييەن ئىدىيە ساپا ۋە ئىقتىساد ھازىرلايدۇ. يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ قەلبىدە «ئىگىلىك تىكلەش» غايىسى بىخلىنىشقا باشلايدۇ. تىجارەتكە، ئىگىلىك تىكلەشكە ئەلۋەتتە مۇئەييەن ئىقتىساد، ساغلام بولغان روھى ۋە تەن ساغلاملىق بولۇش كېرەك. ئۇ بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن راھەت بىر كىشىلىك خىزمىتىنى تاشلاپ جاپالىق سودا يولىنى تاللايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنى ۋە كۈچىنى بۇ جاپالىق مۇساپىگە قارىتىدۇ. «تىرىشقان تاغ ئاشار» دېگەندەك ئۇ ئاخىرى 1999-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرىدۇ.  كېيىن 2002-يىلى 6-ئايدا ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان «ھەرەمباغ » تاماقخانىسىنى قۇرۇپ تىجارەت باشلايدۇ. ئۇزۇنغا قالماي بۇ تاماقخانىنىڭ تىجارىتى راۋاجلىنىپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە زۇلپىقار ئەبەيدۇللانىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قايىل قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭلا ئەمەس بەلكى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭمۇ يېقىندىن قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ. بۇ رىغبەت  ۋە قوللاشنىڭ تۈرتكىسىدە  ئۇ تىجارەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. 2005-يىلى ئىتتىپاق يولىدا «جام تاماقخانىسى» نى ئېچىپ تىجارەت باشلايدۇ. بۇ تاماقخانىمۇ ئۆزگىچە مىللىي تەمدىكى تائاملار، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى، مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ،  كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قوللاش ۋە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.

  ئۇ بۇ جەرياندا  نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ ھەم بۇ قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن ئاز بولمىغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەيدۇ. كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان جايلارغا بېرىپ  كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىلغار بولغان سودا يولىغا قەدەم باسىدۇ. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن نەزەر كۆزىنى شياڭگاڭ ئاۋمېنلارغا ھەتتا تايلاند، سىنگاپور، دۇبەي، كانادا، ئۆزبېكىستان، قاتارلىق چەتئەل دۆلەتلىرىگە ئاغدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئىلغار سودا-تىجارەت ئەندىزىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى يارىتىدۇ. كېيىن شىركەتنىڭ قارمىقىدا «ھەرەمباغ يېمەك–ئىچمەك ئاستانىسى»، «جام تاماقخانىسى»،  «ھەرەمباغ ئالىي مېھمان سارىيى»، «ياشلار يولى ئېدىن چايخانىسى»، «ئىتتىپاق يولى ئېدىن چايخانىسى»، «خوتەن ئېدىن چايخانىسى»، «كۇچا ھەرەمباغ تېز تاماقخانىسى»، «كورلا ھەرەمباغ ئالاھىدە مېھمان سارىيى»، «تۇرپان ھەرەمباغ ئالاھىدە مېھمان سارىيى»، «ئىلى سەنەم خەلق مەيدانى»، «تىيەنجىن ئېدىن چايخانىسى»، «ھەرەمباغ تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى»  قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقا قۇرۇلىدۇ.

  ئىرادىلىك، تىرىشچان زۇلپىقار ئەبەيدۇللا 1998-يىلىدىن 2009–يىلىغىچە بولغان ئون نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشكە تولغان ھايات مۇساپىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاز  بولمىغان جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى، تالايلىغان ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك مۇشۇ بەدەللەرنىڭ، تارتقان جەبىرلەرنىڭ ھېسابىغا ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆز غايىسىنىڭ يۈكسەك چوققىسىدا مەردانىلىك، ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس سالاپەت بىلەن تېخىمۇ يىراققا،  تېخىمۇ يۈكسەكلىككە نەزەر تاشلايدۇ.

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز