كارخانا مەدەنىيىتى [باشقىلار...]

    دۇنيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ جەۋھىرى — ھەرەمباغدا

  شىنجاڭنىڭ يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۆزگىچە خاس تەمى،  ئالاھىدە سېھرى كۈچى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.  مەملىكىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك مۇسابىقىسىدە شىنجاڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مېداللىرى ۋە شان- شەرەپلەر باشقا ھەرقانداق ئۆلكىلەردىن زور دەرىجىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، ‹‹دۇنيا تائاملىرىنىڭ جەۋھىرى جۇڭگودا، جۇڭگو تائاملىرىنىڭ جەۋھىرى شىنجاڭدا›› دېگەندەك باھالارغا ئېرىشكەن.

  پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرى ۋە يېمەك–ئىچمەك كەسپىنى زور كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك–ئىچمەك كەسپى بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىجارەتتىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇ ساھەدە پۇختا ئاساس سالدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇردى. يالغۇز مىللىيچە يېمەك–ئىچمەك بىلەنلا چەكلىنىپلا قالماي خەنزۇچە،  غەربچە  تائام مەدەنىيىتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ كەڭ ئىستېمالچىلارنى باشقا تەمدىكى تائاملار بىلەن تەمىنلىدى.  ھەرەمباغ يېمەك–ئىچمەك ئاستانىسى ئۆزگىچە تەملىك تائاملىرى، كۆركەم ئازادە مۇھىتى، ئەلا مۇلازىمىتى ئارقىلىق  ھەرەمباغقا كەلگەن ھەربىر كىشىنى خۇددى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن جەننىتى ھەرەمباغقا كىرگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ھەم راھەت بەخش ئەتتى. شىنجاڭنىڭ يېمەك–ئىچمەك، ساياھەت كەسپىنىڭ تىنچ ، سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

  • كارخانا روھى

  تائام مەدەنىيىتىنى ئېچىشتا  ئەنئەنىۋىيلىككە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت مەلۇم بىر مىللەتكىلا تەۋە بولماستىن بەلكى دۇنياغا تەۋە. ئۇيغۇر يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتىمۇ جۇڭگو ئەنئەنىۋى تائام مەدەنىيىتىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيەت گۈلزارلىقىنى ئۆزگىچە رەڭگى ۋە پۇرىقى بىلەن كۆركەملەشتۈرۈپ كەلدى.

  ھەرەمباغ ‹‹يېمەك–ئىچمەك جەمگاھى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە دۇنياغا تونۇتتى.

ھەرەمباغ مىللىيچە ‹‹يېشىل يېمەكلىك›› ماركىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىيات سەھنىسىدىكى ئاۋانگارت بايراققا ئايلاندى.

  • ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە قوللىشى، شىنجاڭنىڭ يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش سىياسىتى  ئاستىدا شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ھەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي نۇرغۇنلىغان خەيرى–ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلدى، نۇرغۇنلىغان ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە جەنۇبى شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارغا ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغىمۇ خەيرى–ئېھسان قوللىرىنى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ئامانلىقىنى، تىنچ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىغۇ مەلۇم مىقداردا ماددىي بويۇم بىلەن تەمىنلەپ ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز