ھەردەمباغ قورۇملىرىدا كىشى بېشىغا 30 يۈەن ئەتراپىدا تاماقلىنالايسىز

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى تاڭنۇرى گۈللۈكىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلغا جايلاشقان «ھەردەمباغ ئالاھىدە قورۇمىلىرى» تىجارەت باشلىغاندىن باشلاپ، قورۇما تەمنىڭ ياخشىلىقى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە قورۇما تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن  كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

   «ھەردەمباغ ئالاھىدە قورۇمىلىرى» ھەردەمباغنىڭ مەخسۇس قورۇمىلىرىنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە تاماقخانا بولۇپ، 4كىشىلىك، 6كىشىلىك ۋە 10 كىشىلىك ئايرىمخانىلىرى ۋە ئازادە چوڭ زالى قەدەم تەشرىپ قىلغۇچىلارغا ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدۇ. تاماقخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش ھەققى ھەقسىز بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ، دوست بۇرادەرلەرنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ شۇنداقلا كىشى بېشىغا 30 يۈەن ئەتراپىدا رازى بولغىدەك غىزالىنالايسىز.

   «ھەردەمباغ ئالاھىدە قورۇمىلىرى» مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۆزلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەزىز مېھمانلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە «كۈندە بىر تائام ئالاھىدە باھا» پائالىيىتى، ئىستېمال قىممىتى  200 يۈەن ئاشقان خېرىدارلارغا، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقىتلىرى ئىشلىتىشكە بولىدىغان چاي كارتىسى سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

   «ھەردەمباغ ئالاھىدە قورۇمىلىرى» بۇ ئايدا ئەزىز مېھمانلارغا يەنە ھەردەمباغ ئالاھىدە بېلىق كاۋىپى، يىراق ئوكيان بېلىقى، ئۆزگىچە سەھرا موگۇسى، ئاچچىق-چۈچۈك پۇرچاق قورۇمىسى، قۇرغاق قورۇلغان بەرەنگە قورۇمىسى، ئاچچىق- چۈچۈك پىنتوزا قورۇمىسى قاتارلىق قورۇمىلارنى مېھمانلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.

  كونىلاردا: «مىڭ سۆزلىگەندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ قېنى، مەرھەمەت قىلىپ قالدى باھالارنى ئۆزىڭىز بېرىڭ!...

ئورنى:ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى تاڭنۇرى گۈللۈكىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلدا. 915- يول، 920- يول، 21-يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، 2-ئېلېكتر ئىستانسىسى بېكىتىدە چۈشۈپ، ئالدىڭىزغا 100 مېتىر ماڭسىڭىزلا يېتىپ بارىسىز.

ئورۇن زاكاز قىلىش تېلېفونى : 2555085 - 0991


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:جامدىن چىققان سادا

كىيىنكىسى:بىزدىكى سوۋغا، سىزدىكى تاللاش

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش