5-قارارلىق كۇرسقا تىزىملاش باشلاندى

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ!

  باشقۇرغۇچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتى ئالتە ئاي بۇلۇپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا نەزەرىيە دەرسى ئۆتىلىدۇ.  بۇ باسقۇچتا كۇرسانتلار ئاساسلىقى لېدىرلىق سەنئىتى، شىركەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى، ئىقتسادشۇناسلىق ئىلمى، ئوبروت باشقۇرۇش، مالىيە، تور سودىسى، رىستۇران قائىدە يۇسۇنلىرى، پىسخىكا، ۋاقىت باشقۇرۇش، قانۇن  قاتارلىق مەزمۇنلار بۇيىچە دەرس ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپلىك دەرس سۆزلەيدۇ. كۇرسانتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك نەزىرىيىۋى ساپالارنى يىتىلدۈرىشىگە كۈچلۈك ئاساس سېلىنىدۇ.

  كېيىنكى ئۈچ ئاي ئەمەلىي پراكتىكا مەزگىلى بۇلۇپ، بۇ جەرياندا كۇرسانتلار ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىنىڭ مۇزىكىلىق كۇلۇب، قەھۋەخانا، ئايرىمخانە، تىز تاماقخانا، ساماۋەرخانا قاتارلىق سودا رايۇنلىرىدا، شۇنداقلا  مالىيە بۆلۈم، ئادەم كۈچى بۆلۈمى، مەمۇرىيەت ئىشخانىسى، تاللا بازار، ئارقا ئاشخانا، مەركىزى ئاشخانا  قاتارلىق ئورۇنلاردا سېستىمىلىق ھالدا  پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق، ئەمىلىيەت جەريانىدا  كەسپى بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا خىزمەت تەجرىبىسىنى يېتىلدۈرىلىدۇ. (پراكتىكا مەزگىلىدە 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە پراكتىكا مائاشى بېرىلىدۇ)

  كۇرسانتلار باشقۇرغۇچىلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەردەمباغنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا مۇئاۋىن دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسى بىلەن خىزمەتكە چۈشىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان كۇرسانتلارغا ئۆتۈكەن شىركىتى ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.

پۈتۈن ئالتە ئاي ئوقۇش جەريانىدا تاماق، ياتاق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

 

8555055-0991

13699384142

15801196470


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:تۇرپان ماكان مەدەنىيەت سودا شەھەرچىسىگە خېرىدار چاقرىمىز!!!

كىيىنكىسى:ھەردەمباغ كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش