ھەرەمباغ كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

  شىنجاڭ ھەرەمباغ كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى دىيارىمىز يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا— شىنجاڭ ھەرەمباغ  يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ، 2013-يىلى قۇرۇلغان. 

مەكتەپتە ھەربىيلەشكەن باشقۇرۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، كەسپىي تېخنىك ۋە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقان. ئوقۇتۇش،  تەربىيىلەش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىي مەشىققە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، تەربىيىلەش مۇددىتى ئۈچ ئايدىن بىر يىلغىچە بولىدۇ.

 يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىم ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھاۋالىلىك نىشانلىق تەربىيىلەش ۋە تېخنىكا ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

    كۇرسانتلار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن كەسپىي سالاھىيەت  گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشەلەيدۇ ھەم شىنجاڭ ھەردەمباغ  يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىدە مائاشلىق پراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ياكى باشقا يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.

   تەربىيەلىنىدىغان كەسىپلەر: جۇڭگوچە قورۇما ئۇستىسى، ئۆزگىچە تاماق قورۇش ئۇستىسى، غەربچە قورۇما ئۇستىسى، جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى، غەربچە پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرغۇچىسى ، پېچىنە - پىرەنىك بېزىگۈچى، ئاشخانا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەردە دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجە بويىچە تەربىيىلىنىدۇ.

  بىزنىڭ نىشانىمىز: ھەر بىر كۇرسانتنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەتكۈزۈش!

مەكتەپ ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى بەخت يولى 773-نومۇر  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق مەكتىپى ئىچىدە

تېلېفون:  

0991-8555055

13150328310 


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

كىيىنكىسى:ھەردەمباغ تاماق يەتكۈزۈش ئەپ دېتالى يېڭلاندى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش