ھەرەمباغنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ مېھمانخانىسى بار بولدى

   يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانا __ شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ  يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانا بىناسىدىن ئورۇن ئالغان  «ھەرەمباغ مېھمانسارىيى» 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تىجارەت باشلىدى. بۇ مېھمانساراي مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ قايناق ۋە ئاۋات قىسىمدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، خەلقئارا چوڭ بازار، دوڭ كۆۋرۈك، ئىككىنچى  ۋە ئۈچىنچى دوختۇرخانا، 17- ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە بىر نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

   قاتناش قىستاڭچىلىقى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مىھمانساراي ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يول بۆلىگىنىڭ يەنئەن يولى  ۋە غالىبەت يولى چىقىش ئېغىزغا جايلاشقان ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومغا 40 مىنۇت، جەنۇبىي ۋوگزالغا 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۈچتاشتىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگىمۇ ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، BRTنىڭ يەنئەن يولى بېكىتى ئارقىلىق 1 يۈەن بىلەن 10 مىنۇتقا قىلماي مەنزىلگە يېتىپ بارالايسىز.

سىز ھەرقانداق تاكسى ۋە كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى دېسىڭىزلا ھېچقانداق قىينالمايلا مەنزىلگە يېتىپ كېلەلەيسىز...

   يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلەر قاتناش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بولۇپ، سىز بۇ مېھمانسارايغا قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز 5 يۇلتۇز ئۆلچىمىدىكى مۇلازىمەت، مۇھىت ۋە ئۈسكىنىلەردىن بەھرىمەن بولالايسىز. ياتاقلار ناھايىتى ئازادە ۋە ھەشەمەتلىك بولۇپ، كۆلىمى 10 نەچچە كۋادرات مېتىردىن 60 نەچچە كۋادرات مېتىرغىچە كېلىدۇ. 

   مېھمانساراينىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى جايلاشقان بولۇپ، سىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ماددى ئېھتىياجىڭىز  بولسۇن ۋە ياكى  ناخشا-مۇزىكا جەھەتتىكى مەنىۋى ئېھتىياجىڭىز بولسۇن سىزنى تولۇق رازى قىلالايدۇ.  

   

مېھمانخانىنىڭ 5-قەۋىتىگە 450 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق زال ۋە «جام قەھۋەخانىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر خىل يېغىنلارنى، دوستلار ۋە ساۋاقداشلار يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. يەنى تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-مۇزىكا ۋە ئاممىۋى يىغىلىش سورۇنىنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغۇچى شەخس ۋە كوللېكتىپقا ئىنتايىن قۇلايلىق. بىر تېلېفون بىلەنلا ھەممىنى پۈتتۈرەلەيسىز.

    بۇ مېھمانساراينىڭ كۆلىمى 5200 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 117 ياتاق بار.  سىز ئۈرۈمچى ۋاقتى 12دىن باشلاپ ياتاققا كېرەلەيسىز، ئەتىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى 12دىن  بۇرۇن ياتاقنى قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. مېھمانخانىدا، ئىنتېرنېت تور مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، فاكىس، بېسىپ چىقىرىش ۋە كۆپەيتىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بار... 

   بىز سۆزلىسەك  سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز، «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل» دېگەندەك بىزنىڭ كۆپ سۆزلىگىنىمىزدىن، ئەزىز خېرىدارلىرىمىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى ۋە باھا بېرىشى ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر...  قېنى قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!!! مۇلازىمىتىمىزگە ۋە مىھمانخانىمىزغا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىڭ!!!

   ساۋاقداشلار يىغىلىشى،  ھەرخىل يېغىن ۋە چايلارنىڭ ئۆتكۈزلىشىكىگە ئائىت مەسلىھەتلەر بولسا تارتىنماي سوراڭ.  ھەرەمباغلىقلارنىڭ ھەر بىر مەنزىلى سىز ئۈچۈن!!!

 

تېلېفۇن:0991-8563111       0991-8563222

مەنزىل: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى  شىنخۇا كىتابخانىسى بىناسى ھەرەمباغ مېھمانسارىيى

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئۇچۇر تەشۋىقات بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:كۈي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن _ شەنبە كۇلۇبتا

كىيىنكىسى:شەنبە كۇلۇب ۋە داڭلىق سەنئەتكارىمىز

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش