سامسا

   سامسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى. سامسا ئاق ئۇن، قوي گۆشى، قۇيرۇق ياغ، پىياز، زىرە، تۇز، قارىمۇچلاردىن تەييارلىنىدۇ. قوي گۆشى، قۇيرۇق ياغ تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ، پىياز ئۇششاق چانىلىپ، قىيما تەييارلىنىدۇ، ئاندىن سامسا تۈگۈلۈپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. پىشقان سامسىنىڭ رەڭگى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، دىماغقا مەززىلىك پۇرىقى ئۇرۇلىدۇ؛ سامسىنىڭ جىلتىسى چۈرۈك، گۆشى ناھايىتى يۇمشاق، تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ. سامسىنىڭ تۈرى كۆپ. پەرمۇدىنىڭ قىيمىسى ئادەتتىكى سامسىنىڭ قىيمىسىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ جىلتە خېمىرىغا ئۇندىن باشقا، تۇخۇم ۋە سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، پىشقان پەرمۇدە ناھايىتى مەززىلىك بولۇپ، ئېغىزغا كىرسە غۇژۇلداپ تۇرىدۇ.


مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى

كىيىنكىسى:چاي مەدەنىيىتى ۋە چايچىلىقىمىزنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش