كىشى بېشىغا 40 يۈەن ئەتراپىدا ساماۋارنى نەدە يىيەلەيسىز؟ - ھەردەمباغدا

  ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى ئاتلانتىس ساماۋار شورپىخانىسى خېرىدارلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىش ‏ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، ساماۋار شورپا قازىنى بىلەن سەي-كۆكتات تۈرلىرىگە ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە  قارىتا بىر قىسىم  ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. يەنى، شورپا ‏قازىنىنىڭ تەمى پەسىلگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلىرى كۆپەيتىلدى. شۇنداقلا تەننەرخى ئەسلىدىكى 14 يۈەندىن 10 يۈەنگە تەڭشەلدى، لېكىن تەم ۋە سۈپەت جەھەتتە تېخىمۇ ياخشىلاندى.

 ‏سەي-كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپەيتىلىپ، باھاسىمۇ ھازىرقى بازار ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ تەڭشەلدى.

  «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەندەك بۇ يېڭىلىقلاردىن ئۇرۇق-تۇغقان، ساۋاقداشلار، دوست-بۇرادەرلەرلىرىڭىز بىلەن بىللە ھەمبەھىرلىنىڭ! كىشى بېشىغا 40 يۈەن ئەتراپىدا توغرا كېلىدىغان 98يۈەنلىك، 188 يۈەنلىك، ۋە 288 يۈەنلىك ھەردەمباغ يۈرۈشلۈك ساماۋار شورپىلىرىدىن بەھرىلىنىڭ.

  ناۋا قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالسىڭىز،  ھەر كۈنى ئالاھىدە ئېتىبار سۈپىتىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان 1يۈەنلىك ئالاھىدە باھا پائالىيىتىدىن پايدىلىنىشنى ئۇنتۇماڭ!

  يەنە بار.... مۇشۇنداق سوغۇق پەسلىدە مەيلى باھا جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ئائىلىلەردىمۇ ئويلىشىپ سېتىۋالىدىغان ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەردىن خالىغانچە بەھرىلىنەلەيسىز... مېۋە تۈرلىرى 20 خىلغا يېتىدۇ!!!

  مۇھىم بىر پائالىيەت چۈشۈپ قالغىلى تاسلا قاپتۇ، ئۇ بولسىمۇ خېرىدارلىرىمىز ناھايىتى ياقتۇرىدىغان ھەردەمباغنىڭ ئالاھىدە قورۇملىرىدىن بىرى بولغان راك ياڭيۇ قورۇمىسى ۋە ئىسسىق، سوغۇق سەيلەردىن بەھىرىمان بولالايسىز!

   دېمەك: ساماۋار شورپىسىلا ئەمەس، خىلىمۇ - خىل ئىستېمالدىن بەھرىلىنەلەيسىز!!!

  مانا ھەردەمباغلىقلار سىز ئۈچۈن مۇلازىمەتكە تەييار بولىدى... سىزمۇ تەييار بولغان بولسىڭىز ئاستانىمىزگە مەرھەمەت قىلىڭ، نازۇنېمەتلەردىن بەھرىلىنىڭ ۋە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى بېرىڭ. ھەردەمباغلىقلارنىڭ ھەر بىر مەنزىلى پەقەت ۋە پەقەت سىز ئۈچۈنلا...

تېلېفۇن: 2871818-0991

ئادېرىسى: ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

 


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:ياشلار يولى ھەردەمباغمۇ يېڭى پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتتى

كىيىنكىسى:جامدا ئېتىبار كارتىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدىمۇ ئىشلەيدۇ!!!

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش