ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەرەمباغدا زىيارەتتە بولدى!!!

يېمەك-ئىچمەك دۆلەت ۋە رايون  ئايرىلمايدۇ!!!

 

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى جۇڭگو -ئامېرىكا مەبلەغ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش» پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.


  پائالىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ  كالىفورنىيە شتاتى قاتارلىق 6 شتاتتىن كەلگەن 8 نەپەر ۋەكىل ۋە مىچگان شتاتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش شارائىتى ۋە تۈرلىرىنى چۈشەندۈردى. ئامېرىكا پەنيۇەن پاي ھەسسىدارلىقى، ئۇچار بۈركۈت فوند شىركىتى، دىلې مەسلىھەتچىلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ  ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر يەنئەن يولىدىكى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە  مەدەنىيىتى ۋە تائاملىرى ھەققىدە تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدى، ھەمدە ھەرەمباغ قورۇمىلىرىغا يۇقىرى باھالارنى بەردى. 

  ئۇلار «ھەرەمباغنىڭ ئامېرىكىدا ئاچقان تاماقخانىسى ئىككى دۆلەت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا سىڭىپ كىرىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئامېرىكىنىڭ باشقا شتاتلىرىدىمۇ تارماق دۇكانلارنى ئېچىپ،  ئامېرىكا خەلقىنىڭ شىنجاڭ تائاملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا  «تائام» ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشمىز» دېدى.

  يېمەك-ئىچمەك مىللەت ۋە دۆلەت ئايرىمايدۇ؛ شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى! ھەمدە، دۇنيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ  جەۋھىرىنى دىيارىمىز شىنجاڭغا مۇجەسسەملەشتۈرەيلى!!!


مەنبەسى: ياشىن تورى خەۋىرى

ئالدىنقىسى:ھەرەمباغ ئەزالىق قوللانمىسى

كىيىنكىسى:مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان كۆرنىشلىرى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش