2016-يىللىق ھەرەمباغ لەغمەن يېيىش شاھى ئاۋاتتىن چىقتى

    

  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھەرەمباغ 2-نۆۋەتلىك لەغمەن يېيىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، كورلا، كۇچا، ئاۋات، قەشقەر ۋە خوتەن ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ «چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى»، ئىككىنچى باسقۇچ يىپەك يولى لەغمەن يېيىش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10 دا مەلىكىزات بىلەن جۇشقۇن جۈمەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلار سۆز قىلغاندىن كېيىن بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. 10 نەپەر «چېۋەر قول» 45 مىنۇت ئىچىدە لەغمەن ئېتىپ، 5 نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ئادىل باھالىشى بىلەن ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدا زورەم ئابدۇرەشىت 9.1 نومۇر بىلەن چېمپيون بولدى. قەشقەر ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن مەريەمگۈل بىرىنچى بولدى.

  ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقە ___ لەغمەن يېيىش مۇسابىقىىسدە، 6 مىنۇت ئىچىدە، ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدا يۈسۈپچان 11 قاچا لەغمەن يەپ بىرىنچى بولدى، كورلا ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر 10 قاچا لەغمەن، تۇرپاندىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر 10 قاچا لەغمەن، غۇلجىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر 11 قاچا لەغمەن، قەشقەردىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر 9 قاچا لەغمەن، كۇچادىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر 8 قاچا لەغمەن يەپ تۈگەتتى، ئاۋاتتىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر ئەمەت سەمەت 15 قاچا لەغمەن بىلەن چېمپيون بولدى.

  ئاۋات ھەرەمباغدىن چىققان چېمپيون 5000 يۈەن بىلەن، قالغان 7رايوندىكى مۇسابىقە رايونلىرىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

     ھەرەمباغ ئۇچۇر-تەشۋىقات بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان كۆرنىشلىرى

كىيىنكىسى:مۇسابىقە 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش