رەھبەرلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەڭ !

   كەسپى دىرېكتورلار يېڭىلىق يارىتىشنى بەكرەك تەكىتلەپ، ئىجرا قىلىشقا سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كارخانا پەقەت بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرالىغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ قىممىتى نامايان بولىدۇ.

  مەسىلەن: « شىلې » بولسا تۇنجى بولۇپ رەسىملىك ئابونت كۆرۈنمە يۈزىنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تاۋارلاشتۇرالماي، تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتتىن قۇرۇق قالدى. خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ پروفېسسورى داۋىي.گاۋىن ژۇرناللارنىڭ سەركىسى »سودا ئوبزورچىسى »   نىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تەھرىرى ئېرىك.مەكناردىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

  گاۋىن پروفېسسورنىڭ قارىشىچە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش بولسا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە خامچوت ئىچىدە، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ۋاقىت بىلەن خامچوتنى كونترول قىلىپ پىلاننى تاماملاش. ئالدىن پەرەز قىلىشقا ئىمكان بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەمەلىيەتكە ئەمەل قىلىش، چۈنكى ھەرقانداق بىر پىلاندا چوقۇم كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەدبىرىنى ئويلىشىش كېرەك. مۇنەۋۋەر يۈرگۈزگۈچى ھەر ۋاقىت كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا تەدبىر قوللىنالايدىغان، پىلاننى ۋەزىيەتكە قارىتا مۇۋاپىق ئۆزگەرتەلەيدىغان ھەمدە ھەر ۋاقىت ئالدىغا قاراپ ئىنتىلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

  مۇنەۋۋەر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پىلانلاش ۋە تەربىيىلەش ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندا ئاندىن نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،بىر نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش.

  شۇنىڭدەك، ھازىرقى كارخانىلار پىلان تۈزۈشكىلا بېرىلىپ، ئىجرا قىلىشقا سەل قارىدى،چۈنكى ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈش ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ، بۇنىڭغا قارىغاندا ئىجرا قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، ئىجرا قىلىشقا سەل قارىغاندا ھەرقانداق ئېسىل بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانمۇ كارغا كەلمەي قالىدۇ. كارخانا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، سىتىراتىگىيلىك پىلاننى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئوخشاشلا ئىجادىي پائالىيەت بولۇپ،پەقەت ئىجادىيلىقتىكى ئوخشىمىغان تىپ خالاس.


مەنبەسى: تور دۇنياسى

ئالدىنقىسى:ئىگىلىك تىكلەش قوللانمىسى

كىيىنكىسى:باشقۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئالتە تۈرلۈك ئىقتىدار

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش