يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە ئەڭ ئاسان پۇل تاپقىلى بۇلامدۇ؟

  يېمەك-ئىچمەك كەسپى دۆلىتىمىزدە بىر قەدەر بالدۇر تەرەققىي قىلغان ساھەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردا خەلقئارادىكى داڭلىق يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى سودا ئېڭى، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆلچىمى، تاماقنىڭ ئۆلچىمى ۋە بۇ ساھە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ساپاسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  يېقىنقى 30  يىلدىن كۆپرەك تەرەققىي قىلىش ۋە رىقابەتلىشىشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپى ھازىر مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى كۆپ خىللىشىش، باشقۇرۇش شەكلى كۆپىيىش، سودا شەكلى زەنجىرسىمانلىشىش ۋە كەسىپلىشىش باسقۇچىغا قەدەم بېسىۋاتىدۇ. بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2011-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدە ياراتقان ئومۇمىي قىممىتى 130تىرىليون بولغان بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن % 16.3 ئاشقان.

  يېمەك-ئىچمەك ساھەسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازارنىڭ چوڭلۇقى، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، تەسىرى كەڭ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆپ ئەھمىيەتلەرگە ئېرىشىپ كەلدى.

  2002-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان بۇ ۋاقىت يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن 10 يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئۆزىنىڭ ماركىسىنى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ۋە رايونىنى بېكىتىپ، رايون ئاتلاپ سودا قىلىشقا، نۇقتىلىق ھالدا ماركا يارىتىشقا يۈزلەندى.  كارخانا زەنجىرسىمانلىشىشقا ۋە كۆلەملىشىشكە يۈزلىنىپ، بۇ دەۋردىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئايلاندى.  لېكىن، بۇ ساھەدىكى كارخانىلار يەنىلا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ.

  1.    كىچىك سودا ئىدىيىسى يەنىلا كۈچلۈك، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئاستا. يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ ئومۇمىي بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ ساھە كىرىش ئاسان، لېكىن، تەرەققىي قىلىش تەس بولغان ساھە ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەندە بىر ئاشخانا، پۇشۇرۇقخانا ياكى ساماۋارخانا ئېچىش ئىنتايىن ئاسان ۋە بۇ خىل كىچىك سودا بىلەنمۇ پايدا ئېلىش مۇمكىن. لېكىن، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى ياخشى كونترول قىلماق تەس. مەسىلەن، تاماقنىڭ سۈپىتى، مەبلەغ باشقۇرۇش، خادىملارنىڭ باشقۇرۇشى، غوللۇق خادىملارنىڭ تەربىيىلىنىشى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە كۆپلىگەن مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىنىڭ چوڭىيىشىغا ۋە كۈچىيىشىگە پايدىسىز بولۇپ، بۇلار جۇڭگودىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگۈدەك دەرىجىدە كېڭىيەلمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر.  

  2.    بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى.

  بىر كارخانىدىكى ئىختىساسلىق خادىملار شۇ كارخانىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.  باشقۇرۇش كوللېكتىپىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى زەنجىرسىمان شەكىلدىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى يولۇقۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ، ھەر قايسى چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قابىلىيەتلىك ئاشپەز ئۇستىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.  ئەگەر شىركەت يېتەرلىك تېخنىكا ۋە تەمىنات بىلەن بۇ ساھەدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇلازىمەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ياكى تەربىيىلەپ چىقالمىسا ۋە ياكى خادىملارنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى توسۇپ قالالمىسا، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

  ھازىر دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ ئاساسى قاتلامدىكى خىزمەتچىلەردىن قەدەممۇ قەدەم ئۆستۈرۈپ چىقىلغانلار بولۇپ، ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى خىزمەت ئورنىنىڭ، خىزمەت مەزمۇنىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلگىرى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ باقمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، تەبىئىيلا باشقا خادىملارنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشىدا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ.

  بىر قىسىم كارخانىلار بۇ مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىپ، خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. لېكىن، ھازىر بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كىتاب ماتېرىياللارنىڭ قىس بۆلىشى ۋە كارخانىلار تەربىيىلەش ئېلىپ بارغاندا يەنىلا نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى تەربىيەلەشلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۇلارغا باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە كۆپ ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ.

  شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بۇنداق ئەھۋالدا، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ مېھمانخانا ۋە رېستوران باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەردە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. بۇ ساھەدىكى كارخانىلار چوڭىيىش ۋە كۈچلىنىش ئۈچۈنمۇ بۇ خىل خادىملارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  3.    بۇ ساھەدىكى رىقابەتنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى.

  يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ رىقابەت سەھنىسىدىكى ئورنى كۆپ دەرىجىدە ئۆزگەردى. رىقابەت ئەندىزىسىدىن قارىغاندا، بىرىنچىدىن، نوقۇل ھالدىكى باھا ۋە  مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتىكى رىقابىتىدىن تەرەققىي قىلىپ، كارخانا ماركىسى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى رىقابەتكە ئايلاندى. ئىككىنچىدىن، بىرلا دۇكان ۋە يەككە ھالەتتە رىقابەتلىشىشتىن، زەنجىرسىمانلىشىش، گوروھلىشىش، كۆلەملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئۈچىنچىدىن،  رايون چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، ئۆز رايونىدا تەرەققىي قىلىشتىن سىرتقى رايونلاردا تەرەققىي قىلىشقا، كىچىك شەھەرلەردىن ئوتتۇرا چوڭ شەھەرلەردە تەرەققىي قىلىشقا، شەرقتىكى دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردا تەرەققىي قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇنداق ئەھۋالدا، كارخانىلار داۋاملىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە، توختىماي يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن ئېشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئايجامال

                                                                                        


مەنبەسى: بەيدۇ ھۆججەت ئامبىرى

ئالدىنقىسى:دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100

كىيىنكىسى:لىجياچېڭدىن باشقا يەنە قايسى جۇڭگو كارخانىچىلىرى ئەنگلىيە بازىرىغا كىردى؟

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش