لىجياچېڭدىن باشقا يەنە قايسى جۇڭگو كارخانىچىلىرى ئەنگلىيە بازىرىغا كىردى؟

  (ئەسكەرتىش: لىجياچېڭ - شياڭگاڭلىق. ئاسىيا بويىچە بىرىنچى باي كىشى بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا يەر مۈلۈكچىلىك سودىسى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغاندىن كېيىن، بارا-بارا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن چېكىنىپ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان).

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ يېقىندا ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغانلىق خەۋىرى ئېنىقكى دۇنيادىكى نۇرغۇن گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان مۇھىم خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن جوڭگۇ-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ « ئالتۇن دەۋرى»نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقى پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيەدەك مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان بۇنداق ياخشى ماكان بارغانسېرى كۆپ جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.

  ئاخباراتچىلارنىڭ نەزىرىدە ھەتتا «ئەنگلىيەنى سېتىۋالالايدىغان» لىجياچېڭدىن تارتىپ، تارماق شىركىتىنى ئەنگلىيەگە يۆتكىگەن رېنجېڭفېيغىچە؛ زور كۆلەمدە يەر-مۈلۈك بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سالغان ۋاڭجيەنلىندىن، كۆپلىگەن كەسىپلەرگە پۇلىنى« دو تىككەن» گوگۇاڭچاڭغىچە... دېمەك، ھازىر ئەنگلىيەدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق كارخانىچىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە قايسى جۇڭگولۇق كارخانىچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە «يۈرۈش قىلغىنى»غا قاراپ باقايلى!

                  http://n.sinaimg.cn/translate/20151026/O_95-fxizwve5913950.jpg              

لىجياچېڭ

   بەزى ئاخباراتچىلار ئۇنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ «ئەنگلىيەنى سېتىۋېلىشقا كەلگەن» دېيىشىدۇ. 2010-يىلىدىن بۇيان ئۇ ئەنگلىيەدە 25 مىليارد ئەنگلىيە پوند سىتېرلىڭى مەبلەغ سالغان ( 244.5 مىليارد خەلق پۇلى، تەخمىنەن 300 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا باراۋەر).

   خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ % 30 تەبىئىي گاز بازىرى، تۆتتىن بىر توك قۇرۇلۇشى بازىرى ۋە تەخمىنەن % 5 پىرسەنت سۇ بىلەن تەمىنلەش بازىرى ھەممىسى لىجياچېڭنىڭ قولىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرىت، ئەنگلىيەنىڭ پورت، ئايرودروم ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئىگىلىكىمۇ لى ئائىلىسىنىڭ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئىكەن.

 http://n.sinaimg.cn/translate/20151026/EUsR-fxizwuq8473389.jpg

ۋاڭجيەنلىن

  لىجياچېڭدىن باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى «ئەڭ كاتتا باي» دەپ نامى بار ۋاڭجيەنلىنمۇ ئەنگلىيەدە نۇرغۇن ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ساياھەت، يەر مۈلۈكچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ئۇ « مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى كۆزىتىپ باققان، لېكىن مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ئەنگلىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش بازىرى. بۇ  بازار دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن بازارلارنىڭ بىرى. ئەنگلىيەدە مەبلەغ سېلىشقا ھېچقانداق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھاجەتسىز، ھەممىسى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىشىڭىزغا باغلىق» دەيدۇ.

 http://n.sinaimg.cn/translate/20151026/maz7-fxizwve5913952.jpg

گوگۇاڭچاڭ

   «جۇڭگونىڭ سودا مەبلەغ پېشۋاسى» دەپ نامى بار،  فۇشىڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى گوگۇاڭچاڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەنگلىيە بازىرىغا توختىماي مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. 2015-يىلىدىلا ئۇ ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق بوۋاق بالىلار مەھسۇلاتى شىركىتى Silver Cross بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەر-مۈلۈكچىلىكنى باشقۇرۇش شىركىتى   Resolution Property بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر شىركەت قۇرغان. ھەمدە، ئەنگلىيەنىڭ Thomas Cook گۇرۇھىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغان. 2015-يىلىدىن بۇرۇن، فۇشىڭ خەلقئارا سودا شىركىتى 64.5 مىليون پوند سىتېرلىڭلىق يۇقىرى باھا بىلەن لوندون پۇل-مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ Lloyds Chambers دېگەن خىزمەت بىناسىنى سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە نۇرغۇن غۇلغۇلا قوزغىغان.

 http://n.sinaimg.cn/translate/20151026/X70v-fxizwve5913954.jpg

لى شۇفۇ

  ھەممەيلەنگە ئايانكى، خان جەمەتىنىڭ ئەسكەرلىرى، قىزىل رەڭدە بويالغان تېلېفون بوتكىلىرى ۋە قارا رەڭلىك تاكسىلار ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدە كارتىنىسى. لېكىن، ھازىر بۇ ئۈچ كوزىرنىڭ ئىچىدىكى، لوندوننىڭ كوچىلىرىدا ھەر يەردە كۆرگىلى بولىدىغان تاكسىلارنى بۇ يۇرتقا يىراق بىر جايدىكى، يەنى جۇڭگودىكى جىلە گۇرۇھىنىڭ لىدېرى - لى شۇفۇ كونتروللىرىغا ئالغان. 2013-يىلى، 70 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان لوندون تاكسى شىركىتى جۇڭگونىڭ جىلە گۇرۇھى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. ئەنگلىيەنىڭ قارا رەڭلىك تاكسىلىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم رەئىس شىجىنپىڭ ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، لى شۇفۇنىڭ جىلە گۇرۇھىمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد T5 تاكسىلىرىنى بازارغا سالغان.

 http://n.sinaimg.cn/translate/20151026/MII9-fxizwuq8473391.jpg

ليۇۋچۇەنجى

   جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىردىن بىرى بولغان ليۇۋچۇەنجىنىڭ سودا ساھەسىدە تۇتقان ئورنى ئەزەلدىن ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇمۇ ئەنگلىيە بازىرىدا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2012-يىلى بىر قىسىم گېزىتلەردە ئۇنىڭ يازغان بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ لوندوندا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىش ئارزۇسىنى، ئەنگلىيە كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2014-يىلى، ئۇ ليەنشياڭ ماركىسى ئاستىدىكى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق 900 مىليون پوند سىتېرلىڭ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ زەنجىرسىمان يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ Pizza Express ماركىسىنى سېتىۋېلىپ يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.     

تەرجىمە قىلغۇچى: ئايجامال


مەنبەسى: سىنا تورى؛ بىرىنجى مالىيە-ئىقتىساد كۈندىلىك گېزىتى

ئالدىنقىسى:يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە ئەڭ ئاسان پۇل تاپقىلى بۇلامدۇ؟

كىيىنكىسى:يېقىنقى 30 يىلدا مەككىدە 11 قېتىم ئېغىر دەرىجىدە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش