تۇرپان ماكان مەدەنىيەت سودا شەھەرچىسىگە خېرىدار چاقرىمىز!!!

   

  يىپەك يولىدىكى قەدىمىي ماكان، ساياھەت شەھىرى تۇرپاندا، شىنجاڭ ھەردەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلىپە مەبلەغچىلىك تەرەققىيات شىركىتى ۋە ئۆي مۈلۈكچىلىك ساھەسىدىكى ئەمەلىي كۈچ ۋە تەجرىبىگە ئىگە يىشىن ئوي مۈلۈكچىلىك شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ سالغان، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن 32مىڭ600 كۋادرات مېتىرلىق «تۇرپان ماكان مەدەنىيەت سودا شەھەرچىسى» خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.  سودا شەھەرچىسى يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۇستى 4 قەۋەت بولۇپ، ھەر بىر قەۋەتتە 470 دۇكان بار بولۇپ، بۇ شەھەرچىدە 2200 تىجارەتچى تىجارەت قىلالايدۇ. بۇ شەھەرچىسى خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئۇنىۋېرسال ماللار، كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى، يېمەك-ئىچمەك، كەشتىچىلىك، ساياھەتچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق سودا تۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.

 سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز بولالايدۇ.

توغرا ھەممە نەرسىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، تاللاشتىكى سەۋەبلەرنى دەمسىز؟ سەۋەبلەر بەكمۇ كوپ....مىسالەن ئېلىپ ئېيتساق:

مۈلۈك ھوقۇقى مەڭگۈلۈك بولغان گۆھەر زېمىنغا ئېرىشەلەيسىز؛

 ئوخشاش تۈرلەر ئىچىدە باھادا ئەۋزەللىككە ئىگە؛

دۇكان سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئىجارىگە بېرىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ؛

 500 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي سودا بازارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە؛

 يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى - تۇرپاندىكى ئالتۇن بازار؛

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىگە يېقىن ساياھەت ئورنى؛

كۆلەم جەھەتتىن 32مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشقان ئۇنىۋېرسال بازار؛

ئادەم ئېقىم مىقدارى كۆپ بولغان رايونغا جايلاشقان؛

بىنانىڭ قۇرۇلمىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ لايىھىلەنگەن؛

 ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئۆزگىچە بولۇپ، 150تىن ئارتۇق ماشىنىنى بىمالال توختاتقىلى بولىدۇ؛

تىجارەت مۇھىتى ئازادە، زال ئىچىدە شوتا لىفت، مال توشۇش لىفتى بار بولۇپ، سىزگە ۋە خېرىدارلارغا قۇلايلىق؛

 400 دىن ئوشۇق كونا تىجارەتچىلەر بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا تىجارەتنى سۈرۈشتۈرەلەيسىز؛

دۇكانلار كۆركەم، ئۆلچەملىك لايىھىلەنگەن؛ ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرى ئىلغار، ئەڭ ئېسىل ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن؛

 مەھسۇلات تەشۋىقاتى ھەم خوجىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ؛

....

   يەنە بار، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 5مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىكى  ئەۋزەللىكى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىنمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  قايسى بىر داڭلىق ئىقتىسادشۇناس تىجارەتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللار ئىچىدە «ئورۇن» ئامىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى  يەنىلا «ئورۇن»، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى تەلەي بىلەن يەنىلا «ئورۇن» دېگەن ئىكەن. مانا مۇشۇنداق ئالتۇن ئورۇندىكى بازارغا خېرىدار چاقىرىلىدۇ. پۇرسەت غەنىيمەت.

ئالاقىلىشىش تېلېفونى:

0995-8667111  0995-8665222

ئادرېسى: توپان شەھىرى چۆللۈك يولى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:ھەردەمباغ تورنىڭ سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

كىيىنكىسى:5-قارارلىق كۇرسقا تىزىملاش باشلاندى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش