پولو

 

پولۇ - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ، تەبىئىتى ئىسسىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تائاملار تۈرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تائاملار شاھىدۇر . پولونىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 70 خىلدىن ئاشىدۇ .
    پولۇ ئادەتتە «داش قازان پولۇرى» ۋە «ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولۇ» دەپ ئايرىلىدۇ.

    ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولۇ- گۆشلۈك پولۇ، بەتتە پولۇ، ئەنجان پولوسى دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئائىلىلەردە ئاساسەن گۆشلۈك پولۇ بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى، باچكا گۆشى، پېتىر مانتا، گۆشلۈك قورۇما قاتارلىقلارنى بېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل پولۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بەتتە پولۇ (قورۇما بىلەن ئەتسە)»، «ئاش مانتا (پېتىر مانتا بېسىلسا)»، «توخۇ، ئۆردەك، باچكا پولوسى...» دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە يۇقىرىقىدەك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز پولۇلارغا ھەر خىل قوشۇمچىلارنى (بېھى، كىشمىش، ئۆرۈك قېقى، چامغۇر، ياڭيۇ، پالەك، تۇخۇم، قىزىلمۇچ، ئاق نان قاتارلىقلار) خالىغانچە سېلىپ ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولۇنى دۈملەشتىن بۇرۇن، يېسىۋىلەك (بەسەي)، پېدىگەن (چەيزە)، كۈدە (جۈسەي) قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە دۈملەپ ئاش پىشقاندا ئايرىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، زىرە - قارىمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى ياسىسىمۇ بولىدۇ.

    ئالدى بىلەن 2 چىنە گۈرۈچنى (كىچىكرەك چىنە ئۆلچەم قىلىنىدۇ ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز، تەخمىنەن 2 كىلوگرام سەۋزىنى ئادالاپ تەكشى قەلەم قىلىمىز، پىيازنى يالپاق، گۆشنى چوڭ چوڭ توغرايمىز .

    قازانغا 250 گرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپ چۆچۈگەندە ئوبدان داغلاپ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارىلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارايغىچە قورۇپ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز،سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئازراق پەمىدۇر قىيامى سېلىپ ( پەمىدۇر سالساقمۇ بولىدۇ ) ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ سۇ قۇيۇپ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر يېرىم چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ، گۈرۈچنىڭ سۇ ئىچىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپراق كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى قاينىتىپ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا، كەپكۈرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ، ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ كويزا سانجىيمىز،ئۈستىگە سوققان زىرە سېپىپ، گۆش، بېھى، كىشمىش قاتارلىقلارنى سېلىپ ( قوشۇمچە نەرسىلەر شارائىتقا، ئېھتىياجغا ئاساسەن سېلىنسا بولىدۇ ) دۈملەيمىز، 10 مىنۇتتىن كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكېلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يېگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ، پىشقان پولۇنى گۆشنى ئېلىۋېتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسساق بولىدۇ .

    ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنېرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.

    ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەرخىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.


مەنبەسى: جۇڭگو رادىيو تورى

ئالدىنقىسى:تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى

كىيىنكىسى:تۇقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قول ھۈنەر–سەنئىتى بولغان ناننى يېقىش تېخنىكىسى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش