ئاياللار ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە 50 ياشتىمۇ 25ياشتەك كۆرۈنىدۇ

   قېرىشقا قارشى تۇرۇش  بارلىق ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك  كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى. ئادەم ۋاقىتنى تۇتۇپ قالالمايدۇ. ئادەتتە، 25 ياشقا كىرگەندە تېرىمىز قېرىش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. قورۇق، رەڭلىك داغ كۆرۈلۈپ، تېرە ساڭگىلاشقا باشلايدۇ.

ئەگەر بىز تۆۋەندىكى قېرىشقا قارشى تۇرالايدىغان  يېمەكلىكلەرنى  بىلىۋالالىساق، ئۇنداقتا قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئازراق پايدىسى بولىشى مۇمكىن.

بېلىق

 بېلىق گۆشى تەركىىبدە مول مىقداردا ئاقسىل بولۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى  يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىلەنخۇا

  شىلەنخۇا تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا  ۋىتامىن C ۋە كاروتىن ناھايىتى مول بولۇپ، تەتقىقاتچىلار تەىپىدىن ئەڭ ياخشى قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى،  بېلىق تۈرلىرى بولسا ئەڭ ياخشى ئاقسىل مەنبەسى دەپ قارالغان.

تەكيە كاۋىسى

  تەكيە كاۋىسى تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن C بار بولۇپ،  تېرىدىكى  كوللاگېن ۋە  ئېلاستىكىلىق تالاغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى نەملەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. دائىم تەكيە كاۋىسى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى يۇمران ۋە پارقىراق قىلىدۇ.

پىياز

  پىياز قان تازلايدۇ، خولىستىرولنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەكسىچە،  دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە مول مىقداردا سىنىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  پۇرچاق ئويۇتمىسى

  بېلىق ۋە راكتىن باشقا پۇرچاق ئويۇتمىسىمۇ ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئوزوفلاۋون دەپ ئاتىلىدىغان  خېمىيۋىلىك ماددا بار  بولۇپ، كۈچلۈك بولغان ئانىلىق ھورمۇننىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى ئازايتىدۇ. ئەگەر سىز سۈت بېزى جىددىي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشتىن  ئەنسىرىسىڭىز دائىم پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

يۇمىلاق كاپوسكا

  يۇمىلاق كاپوسكا تەركىبىدە  مول مىقداردا ۋىتامىن C ۋە  تالا ماددىسى بار بولۇپ، ئاشقازاننىڭ  لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەزىم  قىلىش سېستىمىسىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە  قىلىدۇ، زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.

 ئالما

  ئالما تەركىبىدە تالا ماددىسى، ۋىتامىن C ۋە قەنىت تەركىبى بار بولۇپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.

 سەۋزە

  سەۋزە تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن A بار بولۇپ،  چاچنى پارقىراق، تېرىنى يۇمراق قىلىدۇ.

پەمىدۇر

  پەمىدۇر ئىشتىھانى ئاچىدۇ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ.

 پالەك

  پالەك ئىستېمال قىلىش كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەننىڭ كۈچلەندۈرىدۇ، تېرىنى ياخشىلايدۇ، زەھەر تازلايدۇ، كۆرۈش كۈچىنى قوغدايدۇ، كەيپىياتنى مۇقۇملاشتۇرىدۇ. پالەك تەركىبىدىكى يۇپۇرماق كىسلاتاسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش يېتىلىشى تولۇق بولمىغان بوۋاق تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە بوۋاقلارنىڭ تۇغما جىددى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاپىلېسىن

  ئاپىلىسېن  ئادەمنىڭ  بىركۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنC ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بەدەننىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.  ئاپىلىسېن يەنە ئادەم بەدىنىدىكى سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان ئەركىن رادىكاللارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.

ماھىرە تەرجىمىسى


مەنبەسى: « كۈتۈنۈش» سالونى

ئالدىنقىسى:نان مەدەنىيىتىمىز ۋە بىجاق نېنى

كىيىنكىسى:خوتەن كاۋىپى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش