كۈندە ئۆزگىرىپ تۈرىدىغان 19.9 يۈەنلىك تائاملار

  ھەردەمباغ شىركىتى ئۆزىگە قاراشلىق بىر قىسىم تارماق دۇكانلاردا، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىنى ھازىرلاپ، يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ  بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تاماق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا دۇكان ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ جەريانىدا تاماق زاكاز قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتە بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ تىرىشىشى ۋە كەڭ ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماق يەتكۈزىدىغان دائىرىنىمۇ كۈندىن كۈنىگە كېڭىيەتتى. شۇنداقلا مۇلازىمەت ۋەدىسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتنى يولغا قويدى.

1. ھەر كۈنى ئالاھىدە ئېتىبارلىق قورۇما بازارغا سېلىنىدۇ. ئېتىبار باھاسى 19.90 يۈەن.

2. تاماق زاكاز قىلغان خېرىدارلىرىمىزغا ھەر خىل چايلاردىن سوۋغات قىلىمىز.

1. ساماۋار شورپىسى بۇيرۇتقان بولسىڭىز

  1. ئىستېمال سوممىسى 100 يۈەندىن ئاشسا، ئىككى ئىستاكان مۇز چاي سوۋغا قىلىمىز.
  2. ئىستېمال سوممىسى 200 يۈەندىن ئاشسا، تۆت ئىستاكان مۇز چاي سوۋغا قىلىمىز.

2. تاماق بۇيرۇتقان بولسىڭىز

  1. ئىستېمال سوممىسى 50يۈەندىن ئاشسا، بىر ئىستاكان قىزىل چاي ياكى لىمون سۈيى سوۋغا قىلىمىز.
  2. ئىستېمال سوممىسى 100يۈەندىن ئاشسا، ئىككى  ئىستاكان چاي سوۋغا قىلىمىز.
  3. ئىستېمال سوممىسى 200يۈەندىن ئاشسا، تۆت  ئىستاكان چاي سوۋغا قىلىمىز.

چاي تۈرلىرى: ئەتكەن چاي، قىزىل چاي، لىمون سۈيى ۋە مۇز چايلادىن تاللىسىڭىز بولىدۇ.

يوقارقى چايلارنى سوۋغاتلىقتىن ئايرىم بۇيرۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەتكەن چاي    7يۈەن

قىزىل چاي     4يۈەن

 لىمون سۈيى  4يۈەن

 مۇز چاي       4يۈەن


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:ھەردەمباغ ساماۋار شورپىسى تۈرىگە خېرىدار چاقرىمىز

كىيىنكىسى:ئاۋامباغ ساماۋار شورپىخانىسى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش