يېقىنقى 30 يىلدا مەككىدە 11 قېتىم ئېغىر دەرىجىدە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

                                     

   سەئۇدىنىڭ مەككىدە 9-ئاينىڭ 24-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن، ھەجگە قاتناشقۇچىلارنىڭ دەسسىلىپ ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئىراننىڭ ھەجگە بارغۇچىلارغا مەسئۇل ئۆمەك رەھبىرى ئوھادنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 1300 ئادەم يارىلانغان، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ھادىسە يۈز بېرىدۇ؟

   مىلادى 7-ئەسىردە مەككە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلانغاندىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىغا، مۇسۇلمانلار سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەجگە بارىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇن مەككىگە ھەجگە بارىدىغانلار 200 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇ سان مەككىدە ئولتۇراقلاشقان ئادەم سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەجگە بارىدىغانلار ئازايغان بولسىمۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان، بۇ سان يەنە كۆپىيىشكە باشلىغان. 70-يىللىرى، ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، 1 مىليون500مىڭ ئادەمدىن ئاشقان. 2006-يىلىغا بارغاندا بۇ ئادەم سانى 3 مىليونغا يېقىنلاشقان.

   يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ھەج داۋامىدا ئۈزۈلمەي ۋەقە يۈز بېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى دەسسىلىش ۋەقەسى ئىكەن.

1980-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھەجگە ماڭغۇچىلارنى ئېلىپ سەئۇدىنىڭ پايتەختى رىيادقا كېتىۋاتقان بىر ئايروپىلان يەردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، جىددىي قوندۇرۇش جەريانىدا ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كېتىپ 301 ئادەم ۋاپات بولغان.

1987-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىرانلىق ھەج قىلغۇچىلار ئامېرىكىغا قارشى نامايىش قىلىپ، نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 402 ئادەم بۇ توقۇنۇشتا قازا قىلغان، 649 ئادەم يارىلانغان.

1990-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھەج قىلغۇچى ئامما مەككىدىكى مۇقەددەس جايغا بارىدىغان بىر يەر ئاستى يولدا كېتىۋاتقاندا قىستىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ،  1426نەپەر ئادەم دەسسىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھازىرغا قەدەر تارىختا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق دەسسىلىش ھادىسىسى.

1994-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 270 نەپەر ھەج قىلغۇچى« شەيتانغا تاش ئېتىش» مۇراسىمى جەريانىدا دەسسىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

1997-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىنا تاغ جىلغىسىدا ھەج قىلغۇچىلار سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلەتكەندە تۇيۇقسىز شامال چىقىپ ئوت ئاپىتىنى يۈز بەرگەن ھەم 340 ھەج قىلغۇچىنىڭ ھاياتتىن ئايرىلىشنى، 1500 ئادەمنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1998-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى «شەيتانغا تاش ئېتىش» مۇراسىمىدا، بىر قانچە ئادەم ئاسما كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ پاتىپاراق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېغىر دەرىجىدە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 180 ئادەم ۋاپات بولغان.

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھەج قىلغۇچىلار مىنا تاغ جىلغىسىدا تاش ئېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ۋاقىتتا دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

2004-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەج قىلغۇچىلار تاش ئېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا قىستىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، جەمئىي 244 ئادەمنىڭ ۋاپات بولۇپ، 244 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2005-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنە ئوخشاش ۋەقەدە 500 ئادەم يارىلانغان.

2006-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 362 ھەج قىلغۇچى ۋاپات بولغان.

    مەككىدىكى  ھەج پائالىيىتى جەمئىي 7 كۈن بولۇپ، 3-،4-،5-كۈنلىرى «شەيتانغا تاش ئېتىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ: يەنى، تاش ئاتقۇچىلار بىر تاش تۈۋرۈككە تاش ئاتىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت بۇ ئۈچ كۈننىڭ ھەر كۈن چىڭقى چۈش ۋاقتىدا باشلىنىپ، كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئاياغلىشىدۇ. ۋاقىت چەكلىك، تاۋاپ قىلغۇچىلار كۆپ بولغاچقا ئاسانلا قىسىلىش، دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىنچىلىقى يۇقىرى.

    2006-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، سەئۇدىدىكىلەر دۆلەت سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر يۈرۈش خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ سىستېما مىنا تېغىدىكى چېدىر رايونى قاتارلىق خەتەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارغا بېكىتىلگەن نەچچە مىڭلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سۈرەتكە ئاساسەن ھەج قىلغۇچىلار ئاممىنىڭ زىچلىقىنى، ئادەملەر توپىنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلترا قىزىل نۇرلۇق سېزىش ئاپپاراتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئادەملەرنىڭ زىچلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپ ۋاقتىدا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىدۇ. باشقۇرغۇچىلار بۇلارغا ئاساسەن بەلگىلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى تەرەپ ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس مەسچىت ئەتراپىدىكى مەيداننى كېڭەيتىپ قۇرۇش، مەككىدىن مىنا تاغ جىلغىسى ۋە ئارافات تېغىغا تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ قاتنىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھەج قىلغىلى كېلىدىغانلارنىڭ  سانىغىمۇ چەك قويۇۋاتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئەسلىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. 2006-يىلدىن بۇيانقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە دەسسىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى دەسسىلىش ھادىسىسىدە قازا تاپقان ئادەمنىڭ سانى ئىنتايىن زور بولغان. بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبى تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئايجامال


مەنبەسى: سۇمۇرغ تورى

ئالدىنقىسى:لىجياچېڭدىن باشقا يەنە قايسى جۇڭگو كارخانىچىلىرى ئەنگلىيە بازىرىغا كىردى؟

كىيىنكىسى:شىجىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى ۋاقتىدا جوڭگۇ-ئامېرىكا يۇمىلاق جوزا يىغىنىغا قاتناشقان جوڭگۇلۇق لېدىرلار

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش