شەنبە كۇلۇب ۋە داڭلىق سەنئەتكارىمىز

«شەنبە كۇلۇب» دىيارىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئارزۇسى ۋە شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچىنىڭ قايناق بازار رەستىلىرىدىن بىر بولغان يەنئەن يولىدىكى «ھەرەمباغ مېھمانسارىيى» نىڭ 5-قەۋىتىدىن ئورۇن ئالغان، داڭلىق سەنئەتكارلىمىز ساھىبخان بولۇپ، ئېزىز مېمانلىرىغا چاي بېرىدىغان كۇلۇبدۇر.



بۇ كۇلۇبتا ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى دىيارىمىزدىكى ئەل سۆيگەن سەنئەتكاردىن بىرى  ساھىبخانا بولۇپ، مېھمانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. كۇلۇبنىڭ ئۆزى چوڭ بولسىمۇ بىر قېتىمدا پەقەت 80 ئادەملا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.




«شەنبە كۇلۇب» نىڭ تۇنجى ساھىبخانىلىقنى ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغان كېيىن ناھايىتى ئالقىشلاندى... ئۈرۈمچىدىنلا ئەمەس، جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭ رايونلىرىدىن ئورۇن زاكاز قىلىش تېلېفونلىرى ئۈزۈلمىدى...  يېڭىچە شەكلىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ، سەنئەتكارىمىز بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش __ بۇ سورۇننى ھازىرلىغان  ھەرەمباغلىقلارنىڭ ئارزۇسىدۇر.

 پائالىيەت تەرتىپى: 

1. تېلېفون ئارقىلىق ئورۇن زاكاز قىلىنىدۇ. چايغا قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولسىڭىز، چاي ساھىبخانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تەكلىپ باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز. سىز مەيلى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە بولۇڭ ۋە ياكى جەنۇبىي، شىمالى شىنجاڭ رايونىدىن زاكاز ئېلىڭ ھەرەمباغلىقلار سىز ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. يەنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرەمباغ «شەنبە كۇلۇب» ئۈرۈمچىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى دەپ نام ئالغان «ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى»نىڭ ئۈستى قىسىمغا، بەش يۇلتۇز ئۆلچىمىدە بېزەلگەن «ھەرەمباغ مېھمانسارىيى»نىڭ ئاستى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، سىزگە ھەر جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان.   شۇڭا ئورۇن زاكاز قىلغان ۋاقىتتا، تېلېفون نومۇر ۋە ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

2. كېچىلىك ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 5:00 رەسمىي باشلىنىدۇ.

3. سائەت 5:00دىن 7:00گىچە تاماق ۋاقتى بولۇپ، دىيارىمىزدىكى داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى يەڭگىل مۇزىكا ۋە لەرزان كۈيلەر ئىچىدە، ھەرەمباغلىقلار ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن مۇلازىمەتتە بولىدۇ.

4. سائەت 7:30دىن 9:00گىچە ئەل سۆيگەن   داڭلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مۇزىكا ئانسامبىلى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 

 تىزىملىتىش ۋە تەپسىلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش نومۇرى 

8523855-0991

18999994357

13079936306

ھەرەمباغ «شەنبە كۇلۇب»دا، پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەيدۇ... ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ساھىبخانلىقىدىن كېيىنمۇ، داڭلىق سەنئەتكارلار ساھىبخانلىقىدىكى 80 ئادەمگىلا مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەرەمباغ «شەنبە كۇلۇب» كېچىلىكى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 ئەسكەرتمە: 

 1. ھەرەمباغ «شەنبە كۇلۇب»غا رەتلىك، يارىشىملىق كىيىم كىيىپ كېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەنتەربىيە كىيىملىرى ۋە ئاياغلىرى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

2. 12ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ تىزىملاتماسلىقىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

مەنزىل: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى ھەرەمباغ مېھمانسارىيى 5-قەۋەت ھەرەمباغ شەنبە كۇلۇبى.

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئۇچۇر تەشۋىقات بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر تەشۋىقات بۆلۈمى

ئالدىنقىسى:كۈي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن _ شەنبە كۇلۇبتا

كىيىنكىسى:ھەرەمباغنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ مېھمانخانىسى بار بولدى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش