باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

 

ھەرەمباغ ئۆتۈكەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى 6-قارارلىق يېمەك-ئىچمەك ساھەسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى.

2016-يىلى2-ئاينىڭ 23-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.

  باشقۇرغۇچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتى ئالتە ئاي بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئاي نەزەرىيە ئۆگىنىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا كۇرسانتلار ئاساسلىقى باشقۇرۇش سەنئىتى، كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە مالىيە، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى، بىلىم ۋە تىجارەت، بازار ئېچىش، تور سودىسى، شىركەت قۇرۇش يوللىرى، پسىخىكا، ۋاقىت باشقۇرۇش، قانۇن، رېستوران قائىدە يۈسۈنلىرى... قاتارلىق 30 تۈر بويىچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۇرسانتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك نەزەرىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشىگە كۈچلۈك ئاساس سېلىنىدۇ.

  كېيىنكى ئۈچ ئاي ئەمەلىي پراكتىكا مەزگىلى بولۇپ، بۇ جەرياندا كۇرسانتلار ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىنىڭ مۇزىكىلىق كۇلۇبى، ماراكەش قەھۋەخانىسى، ئايرىمخانىلىرى، تىز تاماقخانىلىرى، ساماۋارخانىلىرى، مېھمانخانىلىرى، مۇراسىم مەركىزى قاتارلىق سودا رايونلىرىدا سىستېمىلىق پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق خىزمەت تەجرىبىسى، كەسپى بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئەمەلىيەت جەريانىدا يېتىلدۈرۈلىدۇ. (پراكتىكا مەزگىلىدە 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە پراكتىكا مائاشى بېرىلىدۇ)

  كۇرسانتلار باشقۇرغۇچىلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھەرەمباغنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسى بىلەن خىزمەتكە چۈشىدۇ. تاماق، ياتاق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

 ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان كۇرسانتلارغا ئۆتۈكەن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.

تېلېفون نومۇرى : 8555055-0991  13899996411

ھەرەمباغ ئۆتۈكەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:ھەرەمباغنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ مېھمانخانىسى بار بولدى

كىيىنكىسى:ھەرەمباغ ئەزالىق قوللانمىسى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش