ھەرەمباغ ئەزالىق قوللانمىسى

  ھەرەمباغقا ئەزا بولسىڭىز، توردىن، يان تېلېفونىڭىزدىن ئورۇن زاكاز قىلالايسىز. ھەرەمباغنىڭ ھەر خىل پائالىيەت ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز، جۇغلانما نومۇر يىغىپ، ئۇنى ئىستېمال كارتىسىغا ئالماشتۇرالايسىز، ئەڭ كۆپ بولغان ھەرەمباغنىڭ بارلىق تاماقخانا ۋە مېھمانخانىلىرىدا %15لىك ئېتىباردىن بەھرىلىنەلەيسىز.

 

ئەزا بولۇش ئۇسۇلى

1.ھەرەمباغنىڭ ئەزالىق تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئەزا بولسىڭىز بولىدۇ.

2.ھەرەمباغ تورىغا كىرىپ، ئەزا بولسىڭىز بولىدۇ. تور بەت ئادرېسى:

www.herembag.net

www.herembag.org

3.ئۈندىدار ئارقىلىق ئەزا بولسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۋال ھەرەمباغ سالوننى (ID:herembag) قوشۇۋېلىپ، سالونىغا eza دېگەن خەتنى يولىسىڭىز ئەزا بولۇش تور ئادرېسى ئېچىلىدۇ، شۇ ئادرېسىنى بېسىپ ئەزا بولسىڭىز بولىدۇ.

4.ھەرەمباغدىن تېلېفون ئارقىلىق ئورۇن زاكاز قىلسىڭىزمۇ ھەرەمباغنىڭ ئەزاسى بولالايسىز.

5. ئەزا بولغاندا قالدۇرغان تېلېفۇن نومۇرىڭىز سىزنىڭ ئەزالىق ئىسمىڭىز بولۇپ، ھەر قانداق دۇكانغا كېرىپ، تېلېفۇن نومۇرىنى دېسىڭىزلا ئەزالىق سالاھىيەتىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز. كارتا ئېلىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

 

جۇغلانما نومۇر قائىدىسى

‏1.جۇغلانما كارتىنىڭ نومۇر يىغىش ئۆلچىمى: 1يۈەن ئىستېمال قىلسا، 1 نومۇر يىغىلىدۇ.‏

‏2.ھەر بىر تېلېفون نومۇرىغا پەقەت بىرلا ‏جۇغلانما كارتا بىجىرگىلى بولىدۇ. تېلېفۇن نومۇرى سىزنىڭ ئەزالىق كارتا ئىسىمىڭىز بولىدۇ. ئىشلەتكەندە تېلېفۇن نومۇرنىلا دېسىڭىز بولىدۇ.

‏3.‏جۇغلانما كارتىنى بىرلا قېتىم بېجىرسە، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ.‏

‏4.‏ئەزالىق كارتىسىنى ھەرەمباغ قارمىقىدىكى ھەرقايسى تارماق دۇكانلارنىڭ ‏ھەممىسىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ (ھازىر ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدە سىناق ‏تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىق تارماق دۇكانلاردا يولغا قويىلىدۇ).‏

 

ئەزالىق دەرىجىسىنى ئۆرلىتىش قائىدىسى

‏1.‏جۇغلانما كارتا ئىچىدىكى نومۇر 5000 نومۇرغا يەتكەندە، بىر يۇلتۇزلۇق كارتىغا ئۆرلەيدۇ، تاماقخانىلىرىمىزدا ئىستېمال قىلغان ئەزالىرىمىز %2 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، مېھمانخانىدا ئىشلەتسە باھادا ئېتىبار ‏قىلىنىدۇ.‏

‏2.‏جۇغلانما كارتا ئىچىدىكى نومۇر 10000 نومۇرغا يەتكەندە، ئىككى يۇلتۇزلۇق كارتىغا ئۆرلەيدۇ، تاماقخانىلىرىمىزدا ئىستېمال قىلغان ئەزالىرىمىز %5 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، مېھمانخانىدا ئىشلەتسە باھادا ‏ئېتىبار قىلىنىدۇ.‏

‏3.‏جۇغلانما كارتا ئىچىدىكى نومۇر ‏‎15000‎ نومۇرغا يەتكەندە، ئۈچ يۇلتۇزلۇق كارتىغا ئۆرلەيدۇ، تاماقخانىلىرىمىزدا ئىستېمال قىلغان ئەزالىرىمىز %10 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، مېھمانخانىدا ئىشلەتسە باھادا ‏ئېتىبار قىلىنىدۇ.‏

‏4.‏جۇغلانما كارتا ئىچىدىكى نومۇر 20000 نومۇرغا يەتكەندە، تۆت يۇلتۇزلۇق كارتىغا ئۆرلەيدۇ، تاماقخانىلىرىمىزدا ئىستېمال قىلغان ئەزالىرىمىز %12 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، مېھمانخانىدا ئىشلەتسە باھادا ‏ئېتىبار قىلىنىدۇ.‏

‏5.‏جۇغلانما كارتا ئىچىدىكى نومۇر 25000 نومۇرغا يەتكەندە، تۆت يۇلتۇزلۇق كارتىغا ئۆرلەيدۇ، تاماقخانىلىرىمىزدا ئىستېمال قىلغان ئەزالىرىمىز %15 پىرسەنت ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، مېھمانخانىدا ئىشلەتسە باھادا ‏ئېتىبار قىلىنىدۇ.‏

 

جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش قائىدىسى

‏1.‏جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى: 1000 نومۇرغا 25 يۈەن قىممىتىدىكى ئىستېمال ‏كارتىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.‏

‏2.‏ئالاھىدە پائالىيەت كۈنلىرى ھەسسىلەنگەن جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.‏

ئەسكەرتىمە: ئۆز مەنپەتىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەزا بولغاندىكى ماتېرىياللىرىڭىزدا ‏ئۆزگىرىش بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىڭ.‏ 

بۇ جۇغلانما كارتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ھەرەمباغ شىركىتىگە تەۋە.‏

VIPمەخسۇس قىزىق لىنىيىسى: 2859444-0991

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى: باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

كىيىنكىسى:ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەرەمباغدا زىيارەتتە بولدى!!!

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش