ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى

                                  

  دۇنيادا 3000 نەچچە خىل تىل بار. تۆۋەندە بىز ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان تىللارنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزلەرمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قوللىنىش دائىرىسى ۋە قوللىنىۋاتقان ئادەم سانىنى بىلىۋېلىڭ.

       1.ئىنگلىز تىلى (English) :

  قوللىنىۋاتقانلار 1 مىليارد 800 مىليون، 2007-يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئىنگلىز تىلى ئانا تىل بولغانلار 400مىليون بولۇپ، ئىنگلىز تىلنى چەتئەل تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلار 1 مىليارد 400مىليون. ئەگەر ئانا تىل بويىچە ھېسابلىغاندا ئىنگلىز تىلى دۇنيادىكى 3- ياكى 4-چوڭ تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

       2.دۆلەت ئورتاق تىلى (中文) :

   قوللىنىۋاتقانلار 1 مىليارد 176 مىليون، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەندە قوللىنىۋاتقان ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ.

        3.ھىندى تىلى (india):

  قوللىنىۋاتقانلار 905 مىليون. ھىندى تىلى شىمالى ھىندىستان تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئانا تىلى ھىندى تىلى بولغانلار 680 مىليون، ھىندى تىلنى چەتئەل تىلى قىلغانلار 225 مىليون .

       4.ئىسپان تىلى(sipansh):

  قوللىنىۋاتقانلار 900 مىليون. ئىسپان تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئاساسلىقى لاتىن ئامېرىكادىكى دۆلەتلەر ئىشلىتىدۇ، ئانا تىلى ئىسپان تىلى بولغانلار 400 مىليون، چەتئەل تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلار 500 مىليون.

      5.ئەرەب تىلى (arabic) :

  قوللىنىۋاتقانلار 668 مىليون. ئانا تىلى ئەرەب تىلى بولغانلار422 مىليون، ئانا تىلى ئەرەب تىلى بولمىغانلار 246 مىليون بولۇپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقادىكى 27 دۆلەت ۋە 4 خەلقئارا تەشكىلات ئەرەب تىلنى ھۆكۈمەت تىلى قىلغان.

      7.رۇس تىلى (russiyan) :

  قوللىنىۋاتقانلار 278 مىليون، رۇس تىلنى ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ئىشلىتىدۇ. ئانا تىلى رۇس تىلى بولغانلار164 مىليون، چەتئەل تىل سۈپتىدە ئىشلتىۋاتقانلار 114 مىليۇن .

       7.ئوردو تىلى (urdu) :

  قوللىنىۋاتقانلار 270 مىليون. ئانا تىلى ئوردو تىلى بولغانلار130 مىليون، چەتئەل تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلار 130 مىليون. (قىسقارتىلدى)

11.ئىتاليان تىلى (italiyan):

  قوللىنىۋاتقانلار 190 مىليون، ئانا تىلى ئىتالىيە تىلى بولغانلار 70 مىليون، ئانا تىلى ئىتالىيە تىلى بولمىغانلار 120 مىليون. ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار: لىيۇكسېمبۇرگ، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە ۋىنسۇئىلا قاتارلىقلار. ئىتالىيە تىلى ئاساسلىقى ئامېرىكانىڭ بوستۇن، چىكاكۇ، نىيۇۋ يۇرۇك ۋە فىلادېلفىيە دىن ئىبارەت 4 چوڭ شەھىرىدە ئىشلىتىدۇ .

12.گېرمان تىلى (german):

  قوللىنىۋاتقانلار 185 مىليون، گېرمان تىلى يەنى نىمىس تىلىنى ئانا تىلى قىلغانلار 105 مىليون، چەتئەل تىلى قىلغانلار 80 مىليون. ئاساسلىقى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شىۋىتسارىيەنىڭ شىمالى، لىيۇكسېمبۇرگ، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبى ۋە بېلگىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكىلەر ئىشلىتىدۇ .

13.فىرانسۇز تىلى (frenchi):

  قوللىنىۋاتقانلار 175 مىليون، ئانا تىلى فىرانسۇز تىلى بولغانلار 87 مىليون، فىرانسۇز تىلنى 2-تىل قىلغانلار 175 مىليون .

14.بوجپۇرى تىلى (bhojpuri):

  قوللىنىۋاتقانلار 170 مىليون، بوجپۇرى تىلنى ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى رايونلار ئىشلىتىدۇ.

15.ياپون تىلى (japanese):

  قوللىنىۋاتقانلار 130 مىليون، ياپون تىلى ياپونىيە تاقىم ئارىلىدىكى داخې مىللىتى ئىشلىتىدىغان تىل بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت تىلى. ياپون تىلنىڭ تىل تەۋەلىكىدە تالاش تارتىش بولۇپ، بەزىلەر ئالتاي تىلى سىستېمىغا تەۋە دەپ قارايدۇ، لېكىن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئۇنى مۇستەقىل تىل ياكى ياپون تىلى سىستېمىسى دەپ قارىغان .

61.ئۇيغۇر تىلى (uyghur):

  قوللىنىۋاتقانلار 20مىليون، ئۇيغۇر تىلى ئاساسلىقى تارقالغان دۆلەتلەر: جۇڭگو شىنجاڭ، ئۆزبېكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، مىسىر، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار ..

  ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 3000 نەچچە خىل تىل ئارىسىدا 61-ئورۇندا، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىمىز! ئانا تىلىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ تېمىنى دوست-بۇرادەرلىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى باشقا قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ بىلدۈرەيلى! ئانا تىلنى قوغداش سۆيۈش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى!

 

 


مەنبەسى: تور دۇنياسى

كىيىنكىسى:دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش