كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە ساھە

  كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى  ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ساھەسى. كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك زىچ بىرلىشىپ كەتكەنكى، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ساھەسىنى مەڭگۈ ھالاك بولمايدىغان ساھە دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەمگەك سىجىللىقى زىچ  ساھە بولغاچقا، كىچىك كۆلەملىك كارخانىلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ.

  مۇلازىمەت ساھەسى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ماددىي، روھىي بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئېشىۋاتىدۇ. شۇڭا، مۇكەممەل مۇلازىمەت- يۇقىرى تۇرمۇش سۈپىتىنى قوغلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر بازارمۇ بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىدىن بېرىلگەن ئەڭ ئېنىق بىشارەتلەردۇر.

  ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساھەسى. ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساھەسى پايدىسى ۋە ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى ساھە. ساياھەتچىلىك بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىمۇ كۈنسايىن بازارلىق نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنى بىر كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش بازاردىكى يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن چەكسىز تۈردۇر.

  ئىمپورت- ئېكىسپورت ساھەسى. ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز بىلەن خەلقئارا سودا جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇشتەك ھالەت شەكىللەندى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت- ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. پەقەت شاڭخەينىڭلا بۇ يىلقى ئېكىسپورت سوممىسى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر پۇقراۋى ئىگىلىك تاشقى سودا ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناشقا باشلىدى. شۇڭا، ئىمپورت- ئېكىسپورت ساھەسى كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە ساھەنىڭ بىرى.

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ساھەسى. يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى "شىركەت، دېھقانلار ۋە بازار" دىن ئىبارەت تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىنچىكىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، دادىل ئىگىلىك ياراتقۇچىلار چوقۇم زىيان تارتمايدۇ.
  يۇقىرى، يېڭى پەن- تېخنىكا ساھەسى. يۇقىرى، يېڭى پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى قىلىشقا بەك باپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنتېرنېت تورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، يۇمشاق دېتال ئېچىش قاتارلىق ئۇچۇر سانائەت كەسىپلىرى دەسلىپىدە مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، بازارغا قويىدىغان تەلەپمۇ يۇقىرى بولمايدىغان، ساپاسى نىسبەتەن يۇقىرى بىر ياكى ئىككى ئادەم بىر نەچچە ياردەمچى بىلەنلا ئىش باشلاپ كېتەلەيدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە.

  مۇھىت ئاسراش ساھەسى. ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەپ پايدىلىنىش ۋە كونىنى رېمونتلاپ قايتا پايدىلىنىش- ئەڭ ئۈنۈملۈك پۇل تېپىش ساھەسى بولۇپ قالدى. ھازىر مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن بازار ئېھتىياجى ساھەسىدىكى پەرق بەكلا چوڭىيىپ كەتتى. دۆلەت بۇ ساھەنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سىياسەت ئارقىلىق قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساھەدە رىقابەت يوق دېيەرلىك. بۇنىڭ ئىچىدىكى كونا ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ يارىتىدىغان پايدىسى تىرىليون يۈەندىن نەچچىنى  قاتلايدۇ.


مەنبەسى: تور دۇنياسى

ئالدىنقىسى:تىجارەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ

كىيىنكىسى:تىجارەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان نوقتىلار

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش