پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل

  مۇلازىمەت قىلىپ  پۇل تېپىش، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش، يۇقىرى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش.

  بىرىنچى:  مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىش

  زاغرا تىل بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل پۇل تېپىش مەدىكار ئىشلەش دېيىلىدۇ، سىلىق قىلىپ ئېيتقاندا ئىشلەمچى بولىدۇ، تېخىمۇ سىلىقلاتساق خىزمەتچى بولىدۇ.

  سىز خەققە قانداقلا مۇلازىمەت قىلماڭ، سىز بىر ئۆزىنىڭ ئىشىنى(جىسمانىي، ئەقلى كۈچىنى) سېتىپ پۇل تاپقۇچى بولىسىز، ئۇزۇن ئۆتمۈشتىكى بايلارغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ھازىر ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ سەمىرىپ جاھانغا پاتماي كەتكەن ئەمەلدارلارغىچە ھەممىسى مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغانلاردۇر.

  مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى: مەبلەغ ناھايىتى ئاز كېتىدۇ. تۆۋەن بولغاندا ئىككى قولىڭىزنى قوۋۇشتۇرۇپ مەدىكار بازىرىدا ئولتۇرسىڭىزلا بولىدۇ،  ئەمما پۇلنى كۆپ تاپالمايسىز. (بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى).

  ئىككىنچى:  مال سېتىپ پۇل تېپىش

  مال ساتسىڭىز ئاسانلا پۇل تاپالايسىز، بۇ يەردىكى مال ئۇقۇمى قەدىمدىكى نەرسىگە نەرسىنى تېگىشىش ئۇقۇمىدىن ھازىرقى  بەزى جايلاردىكى ئەمەل سودىسىغىچە،  بولغان بارلىق سېتىلما بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. سىزدە مۇقىم مال مەنبەسى،  ياخشى مال،  ياخشى بازار بولسىلا سىز پۇلنى ناھايىتى ئاسان تاپىسىز،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇل ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشقا سېلىشتۇرغاندا سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپمايسىز، سىزنىڭ ماللىرىڭىز سىزگە پۇل تېپىپ بىرىدۇ. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە ياخشى مال، ياخشى بازار بولۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى: يۇقىرى مەبلەغ بىلەن پۇل تېپىش

  بىرىنچى خىل تۈردە سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپقانتىڭىز، ئىككىنچى تۈردە سىزنىڭ ماللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپقان، ئەمدى بۇ تۈردە سىزنىڭ پۇللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپىدۇ.

  سىز مەلۇم ئورۇنغا مەبلەغ سالىسىز، مەبلىغىڭىز ئايلىنىپ يۈرۈپ پايدىنى سىزگە يىغىپ كېلىدۇ، ئاز مەبلەغ سالسىڭىز ئازراق قىلىشى مۇمكىن، كۆپ سالسىڭىز جىقراق كېلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنى سىز مەبلەغ سالغان تۈرنىڭ بازار ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ .


مەنبەسى: ئىلقۇت تورى

ئالدىنقىسى:دۇكان ئاچقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

كىيىنكىسى:ئىگىلىك تىكلەش قوللانمىسى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش