مۇسابىقە 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ

   يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانا شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى مول ھوسۇل ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغان كونا يىلىنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى ئۆزگىچە پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىدىن بىرى بولغان  «لەغمەن» نى باش تېما قىلغان «يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنى  پىلانلىدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى بولسا، تاماقنى كۆپ يېيىشنى تەشەببۇس قىلىش بولماستىن بەلكى، «لەغمەن» نى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قوللاش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

   بۇ پائالىيەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچىسى، چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى؛ ئىككىنچىسى،  لەغمەن يېيىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر قايسى ئورۇندىكى مۇسابىقىگە 10دىن  ماھىر قاتنىشىدۇ.

   پائالىيەتكە، مېھمانخانىلار جەمئىيىتى، ساياھەت  ئىدارىسى، ئاشپەزلىك جەمئىيىتى،  ساياھەت-سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسى، شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار ۋە 10دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى قاتنىشىدۇ. پائالىيەت ھەرەمباغنىڭ تۆۋەندىكى تارماقلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى

  ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 4-قەۋەت ئاتلانتىس ساماۋار شورپاخانىسى   بىلەن قەشقەر مىڭيول ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇندا  «چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى» ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  مۇكاپات سوممىسى: چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسىدىن بىرىنچى دەرىجە 2 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 5000يۈەندىن بولىدۇ(ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن 1 نەپەر،  قەشقەر مىڭيول ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن 1 نەپەر).

 

 ھەرەمباغ يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى

1. ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 4-قەۋەت ئاتلانتىس ساماۋار شورپاخانىسى  

 2.قەشقەر مىڭيول ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

3.غۇلجا ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك سەنئەت مەيدانى

 4.تۇرپان ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

5.كورلا ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

6.كۇچا ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

7.خوتەن ھەرەمباغ قەھۋەخانىسى

8.ئاۋات ھەرەمباغ تاماقخانىسىدىن  ئىبارەت سەككىز ئورۇندا تەڭلا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  مۇكاپات سوممىسى: چېمپىيون 5000يۈەن (پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1 نەپەر سايلىنىدۇ).

  بىرىنچى دەرىجە 7 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن (شىنجاڭدىكى ھەربىر دۇكاندىن بىردىن سايلىنىدۇ)

  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانلىردا ماھىرلارغا مەدەت بېرىشىنى ۋە لەغمەن داستىخىنىغا داخىل بولۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

مۇسابىقە ۋاقتى : 2016 –يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى (سەيشەنبە)  9:00-12:00  (ئۈرۈمچى ۋاقتى)

 

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:2016-يىللىق ھەرەمباغ لەغمەن يېيىش شاھى ئاۋاتتىن چىقتى

كىيىنكىسى:ھەرەمباغنىڭ يېڭى يىللىق كونسېرتىغا تىزىملىتىش باشلاندى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش