ئىگىلىك تىكلەش قوللانمىسى

 

ئىگىلىك تىكلەش قوللانمىسى بولسا شىركەت قۇرۇشتىكى پىلانىنىڭ بىرموھىم ھالقىسى بولۇپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈش بولسا ھەمكارلاشقۇچى تېپىش،  مەبلەغكە ئېرىشىش، ۋە باشقا سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە  بېرىپ بىۋاسىتە تاقىلىدۇ.

  ئۇنداقتا قانداق ئىگىلىك تىكلەش پىلانى تۈزىمىز؟

1. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى تەسۋىرلەش:

  ئەڭ ئاۋۋال قايسى ساھەدىكى قايسى كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەشنى ھەمدە، قانداق كىشىلەرگە مۇلازىمەت  قىلىشنى پىلانلىشىڭىز كېرەك

ھەمدە سىز ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان شۇ ساھەنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئورنى، قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بولۇشىڭىز كېرەك.

ھەمدە، ئۆزىڭىز يالغۇز مەبلەغ سېلىش ۋە ياكى باشقىلاربىلەن بىرگە مەبلەغ سېلىشنى ئېنىق قىلىشىڭىز كېرەك.

شېركىتىڭىزنى قاچان ئېچىش، ھەمدە قانچە ئۇزاق تىجارەت قىلىشىڭىزنى بىلىشىڭىز  كېرەك.

2. مەھسۇلاتىڭىز ۋە ياكى مۇلازىمەت دائىرىڭىزنى ئېنىق قىلىڭ:

  ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلشىڭزكېرەك. نېمە ئالاھىدىلىكى بار سىزنىڭ رىقابەتچىلىرىڭىز گە  قارىغاندا سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنداق بولمىسا ئىستېمالچىلار نېمىشكە سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى سېتىۋالدىكەن؟!

3. بازار ئەھۋالى:

  ئەڭ ئاۋۋال (بازارنىشانى)نى بەلگىلىۋېلىڭ، ھازىربولغان بازار ئەھۋالى ھەم، مۇقىم بولغان خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلامسىز،ياكى يېڭىدىن بازار ئېچىپ يېڭى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلامسىز. ئوخشىمىغان بازار ئەھۋالى ئوخشىمىغان خېرىدارلىرىڭىز ئوخشىمىغان سېتىش ئۇسلۇبىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بازار نىشانىڭىزنى بەلگىلەپ بولغاندىن كىيىن، قانداق بازارغا چىقىرىش، سېتىش ھەم باھاسىنى بەلگىلەشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.

  4.ئورۇن:

  ئادەتتە شىركەتنىڭ ئورنىنى تاللاش بەك مۇھىم ئەمەس، لېكىن دۇكان ئاچماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئورنىنى ياخشى تاللىشىڭىز كېرەك.

5.رىقابەت:

  تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدا رىقابەت ئانالىز قىلىش كېرەك.

(1) يېڭى بىربازارغا كىرگەن چاغدا.

(2) يېڭى بىر رىقابەتچىڭىز سىزنىڭ سودىڭىزغا تەھدىت ئەپ كەلگەن چاغدا.

(3) ھەرۋاقىت رىقابەت ئانالىز قىلىش.

  رىقابەت ئانالىز قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش خىل تەرەپتىن ئويلىشىڭىز كېرەك:

   سىزگە ئەڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بەش رىقابەتچىڭىز كىملەر؛

  ئۇلارنىڭ سودا ئەھۋالى قانداق؛

  ئۇلارنىڭ سىزنىڭ سودا قىلىش ئۇسلۇبىڭىزغا ئوخشايدىغان يېرى بارمۇ؛

  ئۇلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ؛

  قانداق قىلغاندا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشكىلى بولىدۇ.

6.باشقۇرۇش:

%98 ئوتتۇرا -كىچىك كارخانىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبى بولسا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. بۇنداق بولۇپ چىقىشىنىڭ يەنەبىر سەۋەبى بولسا باشقۇرۇشتا رىقابەتسىزبولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە، بۇمەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تەدبىر چارا يوق بولغانلىقىدا.

7.ئادەم كۈچى بايلىقى:

  خىزمەتچى قوبۇل قىلغان چاغدا قانداق ساھەدىكى خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە ياكى ۋاقىتلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش،ھەمدە ئۇلارنىڭ  مائاش تەمىناتىنى قانداق ھېساپلاشنى  ئويلىشىشمىز كېرەك.

8.مالىيە ئېھتىياجى:

  مەبلەغ يۈرۈش تۈرۈش، كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىللىق قەرز بولۇپ قېلىش، مەبلەغ يېتىشمەسلىك ھەمدە پايدا- زىيان قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالدىن

 مۆلچەرلەش.

9.خيىم-خەتەر:

  رىقابەتچىلىرىڭىز بولسىلا خيىم-خەتەر يىساپلانمايدۇ، ئوت كېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت باج نىسبىتى يوقۇرلاپ كېتىش قاتارلىقلار يىساپلىنىدۇ.

  بۇنداق چاغدا چوقۇم قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بۈلىشىمىز كېرەك.

10.تەرەققىيات:

  كىيىنكى باسقۇچتا قانداق قىلىش، 3 يىلدىن كىيىنكى تەرەققىي قىلىش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈش.  بىر كارخانا ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم كۆپ تەرەپلىك ھەم ئۇزۇن مۇددەتنى ئويلىشى كېرەك.

 


مەنبەسى: تور دۇنياسى

ئالدىنقىسى:پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل

كىيىنكىسى:رەھبەرلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەڭ !

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش