باشقۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئالتە تۈرلۈك ئىقتىدار

                                       

 

  رەھبەرلىك كۈچ، بىر تۈرلۈك ھەرىكەتنىڭ بىرىكىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئاددىيغىلا ئىتائەتمەنلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى، كىشىلەرنى رەھبەرلىككە ئەگىشىپ بېرىشقا تېگىشلىك يېرىگە بېرىشىغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھۆكۈمەت، ھەربىي قوشۇن، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، دەرسخانا، توپ مەيدانى قاتارلىقلاردا شۇنداقلا، مىكرو شىركەتتىن تارتىپ بىر ئائىلىگە قەدەر، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە رەھبەرلىك كۈچىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھەر ئىشنى روياپقا چىقىرىشنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر كەسىپ ياكى ساھەدە رەھبەر ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كېلىپ قالمايدۇ. بىر كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. غەربنىڭ رەھبەرلىك كۈچ ئىدىيىسىنى ئۈلگە، تارىخىي ئىبارە ۋە ھازىرقى زامان كارخانا مىساللىرىنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ، ئىسپات بىلەن تاكتىكىنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانغان، تارىخ بىلەن بۈگۈن ماسلاشتۇرۇلغان، غەرب، شەرق مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن رەھبەرلىك كۈچ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش. شۇ ئارقىلىق، كارخانىچى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا كەسىپلەشتۈرۈش، ھەمدە كارخانا تاپاۋىتىنىڭ ئېشىشى ۋە نەتىجە ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش.

    رەھبەرلىك كۈچ قانداق خىزمەت قىلىشتىكى سەنئەت بولماستىن، قانداق ئادەم بولۇشتىكى سەنئەت، ئاخىرىدا رەھبەرلىكنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغىنى يەنىلا شەخسىي ئەخلاق ۋە خاراكتېر. تۆۋەندە قالتىس رەھبەر بولۇپ چىقىشتىكى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالتە خىل ئىقتىداردىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىپ چىقايلى، بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ نىشانى ۋە ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىشقا ئېشىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

1.لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى. ھادىسىلەرگە قارىتا تېز سۈرئەتتە ئېنىق ھەم توغرا بولغان ھۆكۈم چىقىرىش، بۇنداق كۈچلۈك بولغان ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئۈچۈن پەقەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن يەنە چوقۇم كىچىككىنە بەلگىسىنى كۆرۈپلا ماھىيىتىگە يېتىش، كىچىكلىكتىن چوڭنى بايقاشتىن ئىبارەت تەپسىلاتتىن كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھالقىلارغىمۇ تەھلىل ئېلىپ بېرىش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولۇش، ھەمدە مۇھاكىمە قىلىش، تەھلىل قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىش، ئەلۋەتتە ئۇ رەھبەرلىكنىڭ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كارى بولماسلىقتەك ئەھۋال ئاستىدا سەزگۈرلۈك ۋە كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشتەك ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلىشىغا ئېھتىياجلىق.
2.يېزىقچىلىققا ماھىر بولۇش. ياخشى بولغان يېزىقچىلىق قابىلىيىتى، خىزمەتتە نەتىجە يارىتىشىڭىزدىكى سەۋەبتۇر، مەيلى رەھبەرلىككە تاپشۇرماقچى بولغان خىزمەت دوكلاتىڭىز بولسۇن ياكى مەخسۇس سەھىپىڭىزدىكى ئەسىرىڭىز بولسۇن، ھامان خوجايىنىڭىزنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىنى يېڭىلايدۇ.
3.ناتىقلىق ئىقتىدارى. رەھبەر بولۇشتا ناتىقلىق ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى سىرتقا قارىتا ياكى شىركەت ئىچكى قىسىمدىكى لېكسىيە سۆزلەشتە بولسۇن، ھەممىسى چوقۇم يۇقىرى بولغان سۆزلەش سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدۇ.
4.ۋاقتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى. قانداق قىلغاندا ۋاقىتتىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ، بەخت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ دېگەندە، توغرا بولغان ۋاقتىنى كونترول قىلىش ئادىتى ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرغىنىڭىزدا، چوقۇم ئۆز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىر لاياقەتلىك رەھبەر بولۇپ چىقالىشىڭىزدا گەپ يوق.
5.بىلىم باشقۇرۇش ئىقتىدارى. بۈگۈنكىدەك كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە، رەھبەرلىكنىڭ بىلىم باشقۇرۇش ئىقتىدارى كەم بولسا بولمايدۇ، ئۆزىدىكى بىلىم باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل بولمىغاندا، ھازىر قانچىلىك كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىر كۈنى تېز سۈرئەتتە قاڭقىپ كېتىدۇ.
جىسمانىي كۈچى تولۇپ تۇرىدىغان ئىقتىدارى.
 6.رەھبەر بولغان ئادەم ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت قىلىشقا دۇچ كۈلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بېسىمىدا يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋەتنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك.  بۇ خىل ئىقتىدار ھازىرقى زامان رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، بۇ بىۋاسىتە شىركەتنىڭ تەقدىرىگە ۋە كىشىلىك تەرەققىياتقا چېتىلىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىز ۋە تۇراقسىز بولغاندا دىققەتنى يىغالماي، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئۆز ۋاقتىدا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن توغرا بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، جىسمانىي ئەمگەك ۋە روھىي ئازادىلىكنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش، ھەپتىدە چېنىقىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش، تاماكا، ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىش كېرەك. مەيلى قايسى خىل ۋەزىيەتتە تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق نەزىرى  بىلەن بېقىشى كېرەك.


  ھەردەمباغدىن  رامىلە تەرجىمىسى  
 

    


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:رەھبەرلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەڭ !

كىيىنكىسى:تىجارەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتىلار

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش