كەلگۈسى ئون يىل پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدۇر

لى نەن

   ئۆتكەن ئون يىلدا گەرچە بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سەپكە قېتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چېكىنىشى؛ مەمۇرىيەتنىڭ بازارغا ئارىلىشىۋېلىشى؛ چەت ئەل كاپىتالىنىڭ دۆلىتىمىزدە زورىيىپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل پۇقراۋى ئىگىلىك چەكلىمىلىك ئىچىدە ئىلگىرىلىگەن بىر مەزگىل بولدى.

   پەرىزىمىزچە، كەلگۈسى ئون يىل پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى مەزگىل بولىدۇ. تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، ئەڭ مۇھىمى ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى بىر يىلدا بىز ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان بىر ھادىسىنى كۆردۇق، يەنى بازاردا ئەسلىي بار بولغان پېرسوناژلار تۆتتىن بىرگە ئازايدى. ئۇنداقتا بازاردىن چېكىنگەن ئۈچ پېرسوناژ قايسى؟

   بىرىنچى پېرسوناژ ھۆكۈمەت. ھۆكۈمەت قول سوزۇپ مەبلەغ سالغاچقا، مەمۇرىي ھوقۇق چەكلىمىسىز كېڭىيىپ، بازاردا پايدا، بايلىق تالىشىدىغان مۇھىم پېرسوناژ بولۇپ قالغانىدى. ھازىر بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى ئازىيىپ، ھوقۇق قويۇۋېتىلدى، بازارغا كىرىش تەلىپى تۆۋەنلىتىلدى، تەستىق ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قولى قىسقارتىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ قولى قىسقارتىلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن بوشلۇق ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىمىز كېڭەيدى.

   ئىككىنچى پېرسوناژ مەركەز كارخانىلىرى. مەركەز كارخانىلىرى كىرگەن ساھەدىن پۇقراۋى كارخانىلار چېكىنىپ چىقاتتى، ھەممىلا يەردە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سايىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. نەگىلا بارسا شۇ يەردە مەركەز كارخانىسى بار بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چېكىنىپ چىقماي ئامالى يوق ئىدى، خۇددى پۇقراۋى كارخانىلارغا ياخشىلىق ياراشمايدىغاندەك ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەركەز كارخانىلىرىدىن ئاشمايتتى. چىرىكلىشىش قاتارلىق تۈزۈلمە مېخانىزمى جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز كارخانىلىرى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئاقىلانە يول تۇتۇشقا يۈزلەندى، نەتىجىدە ئىلگىرىكىدەك بازاردىكى تەرتىپسىز كېڭىيىش، ئۇزىراش ۋەزىيىتىگە چەكلىمە قويدى. ئۇلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيدى.

   ئۈچىنچى پېرسوناژ چەت ئەل مەبلىغى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز بازىرىنىڭ قېلىپلىشىشى، رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، قانۇنچىلىق مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن رىقابەتكە قاتنىشىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ئۆزىنى توختىتىۋالدى، بەزىلىرى بولسا بازاردىن چېكىنىپ چىقتى.

   شۇنداق قىلىپ ھۆكۈمەت، مەركەز كارخانىلىرى ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ بازاردىكى قەدىمى ئاستىلىدى، ھەتتا بەزىلىرى بازاردىن چېكىندى. ئۇلار قالدۇرۇپ قويغان بوشلۇق بىز تىلغا ئالغان تۆت پېرسوناژنىڭ بىرى بولغان پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كەلگۈسى ئون يىلدا پۇقراۋى كارخانىلار تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇنى جۇڭگونىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى ئۈچۈن ئالتۇندەك ئون يىل دېيىشكە بولىدۇ.

   نىجات قۇربان تەرجىمىسى


مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

ئالدىنقىسى:بېيىش تەپەككۇرى

كىيىنكىسى: ئىگىلىك تىكلەشتە زۆرۈر بايلىقلاردىن بىرى كىشىلىك ئالاقە بايلىقى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش