ھەرەمباغنىڭ يېڭى يىللىق كونسېرتىغا تىزىملىتىش باشلاندى

  ئۈرۈمچى ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدە، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىككى مەيدان، 2016 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىككى مەيدان «ھەرەمباغ مۇزىكا ئانسامبىلى»نىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە نادىر كۈيلەر ئەزىزى مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ. شۇنداقلا مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئارقىلىق 3مەيدان ئويۇن جەريانىدا 48 نەپەر تەلەيلىك تاماشىبىن تاللاپ چىقىلىدۇ، يەنى ھەر بىر مەيداندا 16 نەپەر تەلەيلىك تاماشىبىن تاللاپ چىقىلىدۇ.

  1. بىرىنچى دەرىجە 1 نەپەر
  2. ئىككىنچى دەرىجە 2 نەپەر
  3. ئۈچىنچى دەرىجە 3 نەپەر
  4. تەلەيلىك تاماشىبىن 10 نەپەر

بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1088 يۈەن قىممىتىدىكى بىر ئۈستەل ئالاھىدە تائاملار ۋە ئىككى بوتۇلكا ھالال شامپان

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تۈركىيەدىن ئىمپورت زىبۇزىننەتلەر  ۋە رەڭلىك گىرىملار

ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالىي دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇم يۈرۈشلىكلىرى

تەلەيلىك تاماشىبىنغا ھەرەمباغنىڭ 100 يۈەنلىك ئىستېمال كارتىسى.

  ئەسكەرتمە: مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 12دە قويۇلىدىغان ئويۇندا ئېلىپ بېرىلمايدۇ. شۇنداقلا چەك تارتىش ۋە مۇكاپات ھەققىدىكى بارلىق چۈشەندۈرۈشلەر ھەرەمباغ شىركىتى تەرەپتە بولىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈنلۈك كونسېرتتا، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە ناخشىلىرى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان شىرئەلى ئەلتېكىن باشچىلىقىدىكى  ھەرەمباغ مۇزىكا ئانسامبىلىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئارتىسلارمۇ لىرىك كۈيلىرىنى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ.   كىشىنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتىدىغان خىلىمۇ-خىل نازۇ -نېمەتلەر سىزنى خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا كونا يىلىنى ئۇزىتىپ، گۈزەل بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.

ئويۇن ۋاقتى

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى  ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 5:00-7:30 گىچە بىرىنچى مەيدان، 8:00-12:00 گىچە ئىككىنچى مەيدانى قويۇلىدۇ.

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12:00-2:20 گىچە ئۈچىنچى مەيدان، كەچ سائەت 7:00-9:30 گىچە تۆتىنچى مەيدانى سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

يېڭى يىلىنى يېڭى كەيپىيات، يېڭى روھ بىلەن باشلاڭ....

يېڭى بىر يىلىدىمۇ ھەرەمباغ مۇزىكىلىق كۇلۇبى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى

ئورۇن زاكاز قىلىش قىزىق لىنىيىسى

2871818-0991

2872828-0991

 

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئۇچۇر تەشۋىقات بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:مۇسابىقە 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ

كىيىنكىسى:2016-يىللىق ھەرەمباغ يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش