ھەردەمباغ يۇقىرى مۇئاش بىلەن خادىم قوبۇل قىلىدۇ

   شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ  قەشقەردىكى 6400 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى يېقىندا ئىش باشلايدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

1. زاۋۇت باشلىقى 

2. ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈم باشلىقى

3. مالىيە باشقۇرغۇچىسى

4. يېمەك-ئىچمەك تەتقىقاتچىسى

5. يېمەكلىك سۈپەت باشقۇرغۇچىسى

6. تۈر قۇرۇلۇش بۆلۈم باشلىقى

  باش شىركەتنىڭ  ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىگە،  چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ساھەسىدە ئىشلەپ باققان تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچىدىن بىر نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىش ئورنى ئۈرۈمچىدىكى باش شىركەتتە بولىدۇ.

 

 

قوبۇل قىلىش شەرتىلەر

 

1. تەجرىبىلىك خادىملار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

2. يۇقىرىقى ساھەلەرگە چېتىشلىق بولغان ھەر خىل ئۇنۋان، كىنىشكىلىرى بارلار بولسا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.

3.  مىللەت ۋە جىنس چەكلىمىسى يوق.

4. مائاش ۋە باشقا تەمىناتلىرى يۈز تۇرانە كېلىشىلىدۇ.

 

تېزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى

 

8523662–0991 غا تېلېفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى  herembag@foxmail.com  غا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە مۇۋاپىق كەلسىڭىز سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز.

ئۇچۇرنىڭ كۈچگە ئىگە ۋاقتى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە

 

شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:خىزمەت ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، بۇنى كۆرۈڭ

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش