چاي مەدەنىيىتى ۋە چايچىلىقىمىزنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە

زىبىر ئابلىمىت

   ئۇيغۇرلاردا چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمكى زاماندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا پىشۇرۇلغان غىزا – تائاملىرىنىڭ سىڭىشلىكىنى، چايلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بىر قىسىم گۈل – گىياھ ۋە ئوت – چۆپلەرنى سۇ بىلەن ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. كېيىنچە ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاي ئىچىش ئادىتىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىشى نەتىجىسىدە ‹‹چاي›› ئاتالغۇسى چايلاردىن، سۈتلەردىن، مېغىزلاردىن يەككە ياكى مۇرەككەپ تەڭشەلگەن دورا، ئوت – چۆپلەردىن دەملەپ تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

    ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار داۋامىدا ئەجدادلىرىمىز چاي ئېچىش، چاي تەڭشەش ۋە دورا چاي تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئۈلگە ۋە رېتسېپلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. مەشھۇر ھېكىم ئىمامىدىن قەشقەرىنىڭ ‹‹ شەرھى ئەل قانۇن›› ناملىق ئەسىرىدە، ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ تېبابەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلىرىدە، مەشھۇر ئالىم، تېۋىپ ئالاھىدىن مۇھەممەد خوتەننىڭ‹‹ قەۋانۇچ ئىلاج›› ناملىق ئەسىرىدە ھەم ‹‹ قۇتاتغۇبىلىگ››، ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››دا خەلقىمىزنىڭ چاي ۋە چاي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەلۇماتلار بىزنى قىممەتلىك مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. يېقىنقى 100 يىللىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق خەلقىمىزنىڭ ھەقىقەتەن چايخۇمار، مۇكەممەل چاي ئېچىش مەدەنىيىتىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. يېقىنقى 100 يىل ئىچىدە مېھنەتكەش تېۋىپ، ھېكىملىرىمىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك شەرت – شارائىتىغا، ئىقلىمىغا ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە ماس كېلىدىغان تۈرلۈك چاي ۋە تەڭشەلگەن چاي دورا ئۈلگىلىرىنى روياپقا چىقاردى.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ‹‹شاڭيى›› ماركىلىق چېيى، ‹‹يۈياڭ›› ماركىلىق چېيى ۋە سىچۈەن، يۈننەن ئۆلكىلىرىنىڭ چايلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇملاشتى. 90 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا، زامانىۋى سودا ئېڭىغا ئىگە بىر تۈركۈم سەزگۈر ياشلار چايچىلىق ساھەسىگە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە چاي تەڭشەش ئادىتى ۋە ئەمەلىي پرىنسىپلىرى بىلەن ئەلا سورتلۇق چاي ۋە چاي يوپۇرماقلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقىي ھالەتتىكى مۇكەممەل چاي نۇسخىلىرىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئوراپ قاچىلانغان، ئالاھىدە نۇسخىلانغان چايلار بازارغا سېلىندى. ئىگىلىنىشىچە ھازىرغىچە دىيارىمىز تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان خاس ماركىدىكى چايلار 40 خىلغا، مەخسۇس ماركىدىكى چايلار 60 نەچچە خىلغا يېتىدىكەن.

    ئۇيغۇر چايچىلىق كەسپىنىڭ كېلەچىكى ياكى ئىستىقبال مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم تېما. بۇ تېمىنىڭ زۆرۈرىيىتى نەچچە ئون مىليون ئىستېمالچىلارنىڭلا ئەمەس، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ھۈنەر – سەنئەت، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:

    بىرىنچىدىن، كۆپتۈرمە تەشۋىقاتلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. مەھسۇلاتىمىز ئالدى بىلەن ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئىشەنچى، مەمنۇنىيىتىگە ئېرىشىشى زۆرۈر. ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ تۈرلۈك ئېلان ۋاسىتىسى بىلەن بازار ئىگىلەيمەن دېيىش قىيىن.

ئىككىنچىدىن، سۈپەت ئۆتكىلى، ئۈنۈم ئۆتكىلى ۋە ئىشەنچ ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاي بازىرىدا مىللىي ماركىدىكى چايلار، جەنۇبىي جۇڭگو چايلىرى ۋە چەت ئەل چايلىرى باراۋەر ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 2000 – يىلىدىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىلغان مىللىي ماركىدىكى چايلارنىڭ %60 ى بازاردىن شاللىنىپ قالدى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا قالدى. بۇ بوشلۇقنى چەت ئەل چايلىرى ئىگىلىدى. شۇڭا بىز مىللىي ماركىدىكى چايلىرىمىزنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى ۋە ئىشەنچ ئۆتكىلىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ھوشيار، سەگەك تۇرۇپ، مىللىي چايچىلىقىمىزنىڭ ئەتىسى، گۈزەل كېلەچىكى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز، مىللىي ماركىدىكى چاچلىرىمىزنىمۇ ئالىي دەرىجىلىك رېستوران، چايخانا، مېھمانخانىلارغا بىمالال كىرەلەيدىغان سۈپەتكە، ئالىي ئىستېمال توپىدىكى ئاھالىلەر ئىستېمالىغا يېقىنلىشالايدىغان ئىناۋەتكە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم.

تۆتىنچىدىن، ماركا ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ئوبراز تىكلەشنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر. ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹زەرەپشان چايلىرى››، ‹‹يادىكار چايلىرى›› بىلەن تەڭ بازارغا كىرگەن 40 نەچچە خىل چاي تۈرلىرى بار ئىدى. ئەمما ھازىر قاراپ باقساق، ئۇ چايلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى غايىب بولدى. ماركا ھەرگىز ئۇنداق ئاددىي نەرسە ياكى ئادەتتىكى بىر جەريان، رەسمىيەت ئەمەس. بەلكى، بىر مەھسۇلاتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناۋەت كۆرسەتكۈچى، بىر كارخانىنىڭ غالىبلىق يول خېتى. يەنە كېلىپ بۈگۈنكى يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئومۇملاشقان زامانىۋى دۇنيادا ماركىدىن ئىبارەت سالاھىيەت بولماي تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار ئېچىش ۋە بازار ئىگىلەش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ماركا ئېڭىمىزنى يېڭىۋاشتىن ئۆستۈرۈپ ماركىغا تۇشلۇق ئوبراز، ماركىغا تۇشلۇق سالاھىيەت تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.

 بەشىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي ماركىدىكى چايچىلىق كارخانىلىرى ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، مىللىي چايچىلىقىمىزنىڭ ئەتىسى ۋە كېلەچىكىگە پايدىلىق تەجرىبە – ساۋاق ۋە ئاكتىپ پىكىر – تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، زامانىۋى كارخانىچىلىقنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى بويىچە ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى تولۇقلىشىمىز، مىللىي چايچىلىقىمىزنىڭ بازار ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىمىز زۆرۈر. ئالتىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللىي چاي دورا – دەرمەك تىجارىتىنى زامانىۋى ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىستېمال تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مۇھىم ئىستېمال ئېھتىياجىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا زامانىۋى رىقابەتكە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي چايچىلىقىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي دورا – دەرمەك چايچىلىقىنىڭ مونوپوللۇق ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.


مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

ئالدىنقىسى:سامسا

كىيىنكىسى:تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش