ھەردەمباغ ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك مەيدانىدا يېڭى يىللىق پائالىيەت

  ھەردەمباغ ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك مەيدانىمىز  كونا يېڭى خېرىدارلارغا يېڭى يىللىق ئالىي سالام يوللايدۇ. شۇنداقلا، 2016-يىلنىڭ بەرىكەتلىك، ئاسايىشلىق يىل بولۇشنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

  يېمەك-ئىچمەك مەيدانىمىز 2015- يىلنى  ئەزىز مېھمانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇزىتىپ، 2016- يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەت ۋاقتى : 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ( ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7دە باشلىنىدۇ)

1. مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى

بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر،  488 يۈەن قىممىتىدىكى نەق پۇل كارتىسى

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 6 نەپەر، 336 يۈەن قىممىتىدىكى ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ماركىلىق شامپان

ئۈچىنچىنى دەرىجىلىك مۇكاپات 9 نەپەر، ئىمپورت قىلىنغان ئىچىملىكتىن 10 بوتۇلكا

تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 20 نەپەر، ئىمپورت قىلىنغان ئىچىملىكتىن 2 بوتۇلكا

2. يېڭى يىل مەزگىلىدە ساماۋار شورپىخانىمىزدا غىزالانغان خېرىدارلىرىمىز ھەردەمباغنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىدىن بىرى بولغان ھەردەمباغ راك قورۇمىسى ۋە ھەرخىل ئىسسىق، سوغۇق سەيلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدۇ.

3. سوغۇق كۈنلەردە، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي تاماقخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان خېرىدارلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە يېمەك-ئىچمەك مەيدانىمىزدا غىزالانغان، ئىستېمال قىممىتى 200 يۈەندىن ئاشقان خېرىدارلىرىمىزنىڭ 10 يۈەنلىك كىرا بېلىتى ئاتچوت قىلىندۇ(كىرا ماشىنىسىنىڭ ئۆلچەملىك بېلىتى بولۇشى كېرەك).

4. يېڭى يىل مەزگىلىدە، ئىلى سەنىمى مەرىكە زالىدا شەھىرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ لىرىك كۈيلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

ئەسكەرتمە: مۇكاپاتلىق چەك تارىتىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ھەردەمباغ تەرەپتە بولىدۇ.

زاكاز تېلېفۇنى: 0999-8356111

ھەردەمباغ ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك مەيدانى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك- ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

ئالدىنقىسى:قەشقەر ھەردەمباغ مېھمانخانىسى2015-يىلىنى مۇنداق ئۇزاتماقچى

كىيىنكىسى:ھەردەمباغدا 6يۈەنگە كۆكتات، 12يۈەنگە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېيەلەيسىز!!!

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش