ھەردەمباغنىڭ دىۋاڭ تارماق دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

   شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى 9 - نومۇرلۇق «ھەردەمباغ ئېدىن قۇلايلىق تائاملىرى» بۈگۈندىن باشلاپ تىجارەت باشلىدى. «ھەردەمباغ ئېدىن قۇلايلىق تائاملىرى» ھەردەمباغ شىركىتىنىڭ خەلققە قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە يولغا قويغان كىچىك كۆلەمدىكى تاماقخانىسى بولۇپ، يېڭىدىن تىجارەت باشلاش ئالدىدىكى بۇ دۇكان دىۋاڭ سودا شەھەرچىسى لۇيۈەن كوچىسى شىنجاڭ ئېسىل تائاملار مەيداننىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ،   كۆلىمى  200 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.  بىرلا ۋاقىتتا 90 دىن ئارتۇق ئادەم غىزالىنالايدۇ.

   ئاساسلىق تائاملاردىن  لەغمەن، پولۇ، كاۋاپ، سامسا، ئۈگرە، توخۇ قوردىقى، قۇرغاق قۇرۇلغان چۆپ قاتارلىق تائاملار چىقىرىلىدۇ. تاماق باھاسى مۇۋاپىق، تاماق چىقىرىش سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  بۇ دۇكان ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئادەتتىكى باھاسى 18يۈەنلىك لەغمەننى 12 يۈەندىن، 20 يۈەنلىك پولونى 15 يۈەندىن ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى!!! پۇرسەت غەنىيمەت!!! قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

تېلېفون : 5888262 - 0991

شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى بازار ئېچىش بۆلۈمى


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى تەشۋىقات بۆلۈمى

ئالدىنقىسى:2016-يىللىق ھەردەمباغ يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى

كىيىنكىسى:ھەردەمباغ تورنىڭ سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش