2016-يىللىق ھەردەمباغ يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى

   «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن يىپەك يولى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. بۇ خىل جانلىنىش دىيارىمىزنىڭ   ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بولغان تائام مەدەنىيەتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. شىنجاڭ تائاملىرى مەيلى تەم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سۈپەت ۋە تۈر جەھەتتىن بولسۇن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ،  شىنجاڭنى تونۇتىدىغان بىر ماركىغا ئايلاندى.

   يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانا شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى گۈزەل قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە كونا يىلىنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى ئۆزگىچە پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىدىن بىرى بولغان  «لەغمەن» نى باش تېما قىلغان «يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنى  پىلانلىدى.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى بولسا، تاماقنى كۆپ يېيىشنى تەشەببۇس قىلىش بولماستىن بەلكى، «لەغمەن» نى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قوللاش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

    بۇ پائالىيەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچىسى، چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى؛ ئىككىنچىسى،  لەغمەن يېيىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر قايسى ئورۇندىكى مۇسابىقىگە 10دىن  ماھىر قاتنىشىدۇ.

    پائالىيەتكە، مېھمانخانىلار جەمئىيىتى، ساياھەت  ئىدارىسى، ئاشپەزلىك جەمئىيىتى،  ساياھەت-سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسى، شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار ۋە 10دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى قاتنىشىدۇ. پائالىيەت ھەردەمباغنىڭ تۆۋەندىكى تارماقلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى

   ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 4-قەۋەت ئاتلانتىس ساماۋار شورپاخانىسى   بىلەن قەشقەر مىڭيول ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇندا  «چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسى» ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلىپى: چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ  ياش چەكلمىسى يوق. تېنى ساغلام، ئايال  بولۇشى كېرەك.

مۇكاپات سوممىسى: چېۋەر قول لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسىدىن بىرىنچى دەرىجە 2 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 5000يۈەندىن بولىدۇ(ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن 1 نەپەر،  قەشقەر مىڭيول ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسىدىن 1 نەپەر).

تاللاش پىرىنسىپى: لەغمەننىڭ تەمى، سۈپىتى، تەننەرخى ۋە ئېتىشكە كەتكەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

 ھەردەمباغ يىپەك يولى لەغمەن مۇسابىقىسى

1. ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 4-قەۋەت ئاتلانتىس ساماۋار شورپاخانىسى  

2.قەشقەر مىڭيول ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

3.غۇلجا ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك سەنئەت مەيدانى

4.تۇرپان ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

5.كورلا ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

6.كۇچا ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

7. خوتەن ھەردەمباغ تاماقخانىسى

8. ئاۋات ھەردەمباغ تاماقخانىسى قاتارلىق  سەككىز ئورۇندا تەڭلا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتى:

  1.  يېشى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە، ئەر-ئايال چەكلەنمەيدۇ
  2. تېنى ساغلام، كېسەللىك تارىخى بولماسلىقى كېرەك
  3. كىملىك ۋە   2پارچە 2سۇڭلۇق رەسىم تاپشۇرۇشى كېرەك

    مۇكاپات سوممىسى:

    چېمپىيون 5000يۈەن (پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1 نەپەر سايلىنىدۇ).

    بىرىنچى دەرىجە 6 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن (شىنجاڭدىكى ھەربىر دۇكاندىن بىردىن سايلىنىدۇ)

    تاللاش پىرىنسىپى:

    بېكىتىلگەن ۋاقىتتا كىم لەغمەننى جىق يېيەلىسە، شۇ چېمپىيون بولغان بولىدۇ.

    مۇسابىقە ۋاقتى :

     2016 –يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى (سەيشەنبە)  9:00-12:00  (ئۈرۈمچى ۋاقتى

    تېزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى :

    2015 - يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00دىن  17:00 گىچە

    تىزىملىتىش ئورنى :

     ئۈرۈمچى يەنئەن يولى 2-نومۇر  ھەردەمباغ ئۆتۈكەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى

    ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان

    تېلېفون: 8555055 - 0991   15899416563

    غۇلجا ئىلى سەنىمى يېمەك-ئىچمەك سەنئەت مەيدانى

    ئالاقىلاشقۇچى: مۇختەر

    تېلېفون:   8356111-0999

    تۇرپان ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

    ئالاقىلاشقۇچى: ئېرپان

    تېلېفون: 8555111-0995

    كورلا ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

    ئالاقىلاشقۇچى: يۈسۈپجان

    تېلېفون: 2224888-0996

    كۇچا ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

    ئالاقىلاشقۇچى: ياسىنجان

    تېلېفون: 7136666-0997

    خوتەن ھەردەمباغ تاماقخانىسى

    ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇۋەلى

    تېلېفون: 2518888-0903

    قەشقەر مىڭيول ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك ئاستانىسى

    ئالاقىلاشقۇچى: ئادىلجان

    تېلېفون: 2800008-0998

    شىنجاڭ ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى

 

 

 

 


مەنبەسى: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى تەشۋىقات بۆلۈمى

ئالدىنقىسى:ھەردەمباغنىڭ يېڭى يىللىق كونسېرتىغا تىزىملىتىش باشلاندى

كىيىنكىسى:ھەردەمباغنىڭ دىۋاڭ تارماق دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش