ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى رەسمىي ھالدا قۇرۇلدى

    شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك  پاي چەكلىك شىركىتى كارخانىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆلەملىشىشى ۋە مۇنتىزىملىشىشى، شۇنداقلا ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، شىركەت رەھبەرلىك ھەيئىتى  پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى شىركەتتتىكى پارتىيە ئەزالىرىغا ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىش، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىقدا شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى -ئىدىيە ئېڭنى تېخىمۇ ئوستۇرۇپ، بىر تۈركۈم پارتىيە ئاۋانگارتلىرىنى تەربىيلەش مەقسىتىدە  مەزكۇر ياچېيكىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى.  
    2017-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىركەت رەھبەرلىك ھەيئىتى بىردەك كېڭىشىش ئاساسىدا، شىركەت لىدېرى، باش دىرېكتور، مۇئاۋىن دىرېكتور، تۈر دىرېكتور قاتارلىق 10 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكا گۇرۇپپا» سىنى تەشكىللەپ،  شىركەت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغانلىقنى رەسمىي ئېلان قىلدى. 
 بىز بۇنىڭدىن كېيىن شىركىتىمىز پارتىيە ياچېيكا گۇرۇپپىسىنىڭ توغرا يىتەكچىلىكىدە، شىركىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تېز، ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 

شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر-تەشۋىقات بۆلۈمى


مەنبەسى: ئۇچۇر-تەشۋىقات بۆلۈمى

كىيىنكىسى:كۈي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن _ شەنبە كۇلۇبتا

ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن سىكانىرلاش ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز

تىزىملىككە قايتىش